مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ بەش تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2021.09.22 12:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ بەش تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ بەش تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  1.ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى فەنچىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مال سېتىۋېلىش كارتىسى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر. 2018-يىلى 1-ئايدىن 2020-يىلى 1-ئايغىچە،لى فەنچى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان مال سېتىۋېلىش كارتىسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى جەمئىي 28 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت بولغانلىقتىن،لى فەنچىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  2. سانجى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ تاۋنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2019-يىلى 7-ئايدىن 11-ئايغىچە، شۈ تاۋ ساختا چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت پۇلىدىن 3500 يۈەننى ئالداپ ئېلىپ ئاق ھاراق سېتىۋالغان، ھۆكۈمەت كۈتۈۋېلىشىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھاراق ئىچىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. شۇڭا شۈ تاۋغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  3. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى سانائەت رايونى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى مۇرات جانقابۇلنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. مۇرات جانقابۇل 2017-يىلى 1-ئايدىن 2020-يىلى 1-ئايغىچە ۋەزىپىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان سوۋغات ۋە ئۈندىدار قىزىل بولاق قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى جەمئىي 10 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. مۇرات جانقابۇلغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  4. خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى مەيدان-ساراي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇ جۈنكەينىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا شەخسىي ئاپتوموبىلىنى بېقىش مەسىلىسى. 2019-يىلى 8-ئايدىن 2020-يىلى 10-ئايغىچە، گۇ جۈنكەي خىزمىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئۆزى ساقلاۋاتقان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ماي قاچىلاش كارتىسىنى ئىدارىگە تاپشۇرۇپ بەرمەستىن، بۇ كارتىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ ئۆزى ۋە دوستلىرىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاپ، نەرسە-كېرەك سېتىۋالغان،بۇ جەرياندا جەمئىي 15 مىڭ يۈەن ئىستېمال قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. شۇڭا گۇ جۈنكەيگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  5. چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان بازارلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مەمەت مەمتىمىننىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسى. مەمەت مەمتىمىن 2020-يىلى 11-ئايدىن 2021-يىلى 1-ئايغىچە، بۇ بازارنىڭ تۆگە باقمىچىلىق تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش جەريانىدا، تۈرلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇلازىمەتكە سەل قاراپ، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان تۆگە يۇقۇمىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن، كەسپىي خادىملارنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللىمەي، 14 تۆگىنىڭ ئۆلۈشىنى، شۇنداقلا ئامما مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولغان. شۇڭا مەمەت مەمتىمىنگە مەمۇرىي خاتالىق سادىر قىلىش جازاسى بېرىلدى.

  يۇقىرىقى بەش تىپىك مەسىلە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قايتا-قايتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قاتتىق تەلەپ قويغان بولسىمۇ، بەزى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار يەنىلا راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئامما مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دۆلەت مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتىزام چېكىگە چېقىلغانلىقىدىن ئىبارەت، بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ساۋاق. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار يۇقىرىقى مەسىلىلەردىن ھەقىقىي تۈردە ئىبرەت ئېلىپ، ھەرۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى توغرىسىدا ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك-دىيانەتلىك سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ