مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۆت بالا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

2021.09.22 11:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئادەملىك ئالەم قاتنىشى بىلەن يۈزتۇرا ئۇچرىشش باش تېمىسىدىكى پائالىيەت باشلاندى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۆت بالا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

  «قاراڭ، بۇ يەردىكى دەرەخلەر ھەم ئېگىز، ھەم تۈز، ھەم يېشىل ئىكەن، شەكلى يۇرتۇمىزدىكى دەرەخلەرگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدىكەن...» 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى باش چودا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىلمىنۇر ئۆمەرئابلا بىلەن سۈبھىنۇر مەمەتتوختى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچاڭ شەھىرىگە جايلاشقان ئالەم قاتنىشى ۋېنچاڭ ئۆتەڭ پونكىتىغا يېتىپ كەلدى. يول بويى، ئىككى بالا دېرىزە سىرتىدىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىشىپ ھاياجانلانغان ھالدا توختىماي ۋىچىرلىشىپ سۆزلەپ كەتتى.

  9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى، دۆلەت يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى فوندى جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «ياشلىق باھارى بىلەن يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ سۆزلىشىشى» ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئادەملىك ئالەم قاتنىشى بىلەن يۈزتۇرا ئۇچرىشىش باش تېمىسىدىكى پائالىيەت باشلاندى. پائالىيەت ۋاقتى بەش كۈن بولۇپ، سىچۇەن، گۇيجوۋ، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، شىنجاڭ، خۇنەن، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، سەنشى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن كەلگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى تەكلىپ بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى، باشقا ئىككىيلەن كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى قېران بېكزات ۋە مۇناربېك ئالماسبېك.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى بىرىنچى سېپىگە بېرىشقا تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىپ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلىشقا، بىلىمنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى، ئارزۇنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاددىي داۋلىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ۋە «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دەيدىغان ئىشەنچ ۋە ئېتىقادنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىنىدۇ.

  پائالىيەت «ياشلىق باھارى بىلەن يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ سۆزلىشىشى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، مەزمۇنى بالىلىق قەلب بىلەن ئارزۇنى سىزىش، ۋېنچاڭدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇچقۇن ئارقىلىق ئارزۇنى تارقىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بالىلىق قەلب بىلەن ئارزۇنى سىزىش «قەلبىمدىكى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى» رەسىم ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، «ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» تېمىسىدا خەت ـ چەك توپلاش، ئالاقىدار سىنلارنى توپلاش ئارقىلىق، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالەم قاتنىشىغا بولغان ئارزۇسىنى چاقنىتىدۇ؛ ۋېنچاڭدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاكادېمىك ـ مۇتەخەسسىسلەرنى ئالەم قاتنىشى بىلىملىرىنى يۈزتۇرا ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىش، ۋېنچاڭ قويۇپ بېرىش مەيدانىغا كىرىپ نەق مەيداندا كۆرۈش، خاسىيەتلىك راكېتا ئاسمان قەرىگە ئۇچۇشتەك ھەيۋەتلىك گۈزەل دەقىقىگە ئورتاق گۇۋاھ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇچقۇن ئارقىلىق ئارزۇنى تارقىتىش پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «كېيىنكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ چوڭقۇر «ئالەم قاتنىشى قىزغىنلىقى» قوزغاشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى پائال يەتكۈزۈپ، ئالەم قاتنىشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ