مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك

2021.09.22 11:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

  رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك

  9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى رايون» دېيىلىدۇ) قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى ئورتاق تەتقىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ جىگاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2016 ـ يىلى «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرى شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، ياردەم بەردى، «تۆت تەرەپ»نىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ئارقىلىق شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى، تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتى، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە شېنجېن شەھىرى بىلەن ئۇدۇللىشىش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىمىز.

  ۋاڭ جىگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونىنى يادرولۇق ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭچە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. بەش يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، سۇپىلارنىڭ ۋاسىتە قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»دا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كىرىش نۇقتىسى ۋە لوگىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىنى قوللاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى جاڭ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ بىلەن بولغان پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور ۋە تەخىرسىز پەن ـ تېخنىكا ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  شېنجېن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ياڭ شېڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»غا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شاۋ شىنيۈ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۈي، مەڭلىك سىيىت، لۇ شۈپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت تەپەككۇرىنى تونۇشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ