مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى قوغداشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويدى

2021.09.16 12:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى نامرات ئاممىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى قوغدىدىمۇ-يوق؟ 13-سېنتەبىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى چېن لېي مۇنداق دېدى: نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىز كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپلا قالماي، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتىنى قوغداشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى.

  چېن لېي يەنە مۇنداق دېدى: «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى، تۇرالغۇ لايىھەلەش، ھويلا-ئارام ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندى». زامانىۋى تۇرمۇشنى نامايان قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ساقلاپ قېلىندى، ئۆرپ-ئادەت پائالىيەت مەركىزى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت تېمى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلدى، ئەلئارا سەنئەت يېتىشتۈرۈلدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى. كۆچۈرۈلگەن ئامما كېسەك ئۆيدە ئولتۇرۇش، كاڭدا ئۇخلاش، پاتقاق يولدا مېڭىش، كۆل سۈيى ئىچىش، مەشكە ئوت قالاشتەك نامرات تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ، تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى ھەم كۆپ خىل شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈردى.

  شىنجاڭنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۆچۈرۈش نۇقتىسى قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەندىزىسىگە ئاساسەن كىگىز ئۆي سېلىپ، قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشىسى ۋە قۇمۇز مۇزىكىسىنى تەشكىللەپ، ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى؛ مىللىي كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەشتىچىلىك ئاسما گىلىمى، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى؛ مەكتەپ مىللىي چالغۇ سىنىپى ئاچتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت قوشۇنى تەشكىللەپ، تاجىك بۈركۈت ئۇسسۇلى، بۈركۈت نېيى مەدەنىيىتىنى قوغدىدى ۋە ئەۋج ئالدۇردى؛ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاجىك ۋە قىرغىز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قەدىمىي كەنتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى. تاجىك ۋە قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇلما بۇيۇملىرى، مەززىلىك تائاملىرى قاتارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت تۈرىگە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ