مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست كېسەل قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ%60تىن تۆۋەنلىگەنلىكىنى دوكلات قىلدى

2021.09.16 12:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يەن 14-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۈزۈكسىز ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشۋە ئۇنى داۋالاشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشتى».

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. سۈي يەن يىغىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى 2018-يىلىدىكى100ئادەمدە 304 تىن 2020-يىلىدىكى100 مىڭ ئادەمدە 118.35 ئادەمگە تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىيشىنجاڭدىكى ئۈچۋىلايەت، بىر ئوبلاست (خوتەنۋىلايىتى، ئاقسۇۋىلايىتى، قەشقەرۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى)دا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى100 مىڭ ئادەمدە 610 دىن 100 مىڭ ئادەمدە 219 غا تۆۋەنلىدى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %64 كە يېتىپ، دۆلەت بېكىتكەن يىللىق تۆۋەنلەش نىسبىتى %4.4 تىن 14 ھەسسە ئاشتى.

  شىنجاڭ جۇڭگودىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايون بولۇپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئىزچىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سۈي يەن يەنە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ شاللاپ تەكشۈرۈشتىكى قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتتى؛ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىبىمارلىرىنى ھەقسىز كېسەلخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالاش تەدبىرى قوللاندى؛ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىبىمارلىرىغا «مەركەزلەشتۈرۈپ دورا ئىچىش ۋە ئوزۇقلۇق ناشتىلىقى» سىياسىتىنى يولغا قويدى ھەم كاپالەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرمۇ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىبىمارىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشى ۋە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە 15 ياشتىن يۇقىرى شىنجاڭلىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ۋە شىنجاڭلىق كۆچمە ئاھالىنىڭ ھەممىسى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى تەكشۈرۈشۋە كۆكرەك قىسمىنى X نۇرىدا تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. شىنجاڭ يەنە جۇڭگودا باشلامچىلىق بىلەن ئۆپكە تۇبېركۇليۇز بىمارلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە%100 كېسەل كۆرۈش،%90 دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل دورىغا چىداملىق داۋالاش خىراجىتىنى ئېغىر كېسەللەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش كاپالەت سىياسىتىگە كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمەت كوللېكتىپىغا تايىنىپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى قاتارلىق تۆت خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرگە «ئىمزا قويۇشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئىمزا قويۇش» نى ئىشقا ئاشۇردى.سۈي يەت يەنە مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شىنجاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاپ تەكشۈرۈش، قېلىپلاشقان داۋالاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلەش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىدى».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ