مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە ئاقلاش كېڭىشىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى

2021.09.16 12:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ،شىكايەت قىلىش، ئاقلاش ۋە كېڭىشىش ھالقىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاشكارىلاش قۇرۇلۇشىدا جىددىي بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تېگىشلىكمۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى. يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس مەيدان قۇرۇش، كەسپىي بىلىم بويىچە تەربىيەلەش ۋە كەسپىي تېخنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى تۇنجى جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش كېڭىشىش ئىشخانىسى تەسىس قىلدى ھەم ئۈن-سىن شەكلى ئارقىلىق جىنايىتىنى تونۇش، جازانى ئېتىراپ قىلىش كېڭىشىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنىماس قەدەملىكخاتىرىلىدى.

  مايتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىكايەت قىلىش ۋە ئاقلاش كېڭىشىشىنىڭ ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ماس قەدەمدە قوللىنىشىنىڭ قېلىپلىشىشى جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش، جىنايىتىنى تونۇش ۋە جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا تەپتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ «كامېرا» ئاستىدا دېلو بېجىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دېلوبېجىرىشنىڭ پاكلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مايتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئارقىلىقشىكايەت قىلىش ۋە ئاقلاش كېڭىشىشىنىڭ ماس قەدەملىك ئۈن-سىن خىزمىتىگە ئالاقىدار تەپسىلىي قائىدىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ،جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت، ئەدلىيە ئورگانلىرى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات خاراكتېرىگە ئىگە ھەمكارلىشىش، ۋەھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ،شىكايەت قىلىش ۋە ئاقلاش كېڭىشىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تېخىمۇجىپسىلاشتۇرۇپ ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈپ، پىشىپ يېتىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كېڭىشىش ئىشخانىسىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەپتىش ھوقۇقىنى ئۆلچەملىك يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ ھەر بىر دېلودا نامايان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ