مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن شۈ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى

2021.09.16 09:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە زور ئۈستۈنلۈك بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

  خەن شۈ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى

  14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر گۇرۇپپىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى شىئەندىكى شەھەر تەنھەرىكەت باغچىسى تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان دۆلەتلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى ئاساس قىلغان بىرلەشمە كوماندا 52 :100 نەتىجە بىلەن جياڭسۇ كوماندىسىنى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭدى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن كەلگەن خەن شۈ كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، 18 نومۇرغا ئېرىشىپ، گاردىن قايتقان توپتىن توققۇزنى تۇتۇۋېلىپ، بىرلەشمە كوماندىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى، شۇنداقلا 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىرلەشمە كوماندىغا تاللانغان توپچىلار تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە كوماندىسى چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، خەن شۈ تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. شۇ كۈندىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، خەن شۈ 3 ـ چارەك مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى، ئۇنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپى بىرلەشمە كوماندىنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئۈستۈنلۈكىنى 30 نومۇرغا يەتكۈزدى. جياڭسۇ كوماندىسى پەقەت تېز ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئارقىلىق نومۇر ئالدى، مەيداندىكى ئېلىشىش پۇرسىتى ئىنتايىن چەكلىك بولدى. 3 ـ چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، بىرلەشمە كوماندا 40 نومۇر ئالدىدا مېڭىشتەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى، مۇسابىقىدە يېڭىش ـ يېڭىلىش مۇددەتتىن بۇرۇن ئېنىق بولدى.

  2018 ـ يىلى، 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن خەن شۈ چىڭخۇا داشۆ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتناشتى. 2018 ـ يىللىق جاكارتا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېنىقتۇرۇشىنى تېخى باشتىن كەچۈرمىگەن خەن شۈ خەلقئارا مۇسابىقىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. 2018 ـ يىلى 9 ـ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، خەن شۈ جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 6 ـ لىككە ئېرىشتى.

  2019 − 2018 مۇسابىقە پەسلىدە، خەن شۈ شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن WCBA(جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى) مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئىچكى سەپتىكى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئەلىنىش ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 2019 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، WNBA (ئامېرىكا كەسپىي ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى)نىڭ ماھىرلارنى تاللاش مۇسابىقىسىدە، خەن شۈ 14 ـ ئورۇندا تۇرۇپ، نيۇيورك ئەركىن كىشىلەر كوماندىسىغا تاللاندى. 2021 − 2020 مۇسابىقە پەسلىدە، خەن شۈ بىلەن ۋاڭ لىلى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى WCBAنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2 ـ لىككە ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ