مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2021.09.16 09:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدىكەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن جەمئىي 32 ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ 684 ماھىرى 11 تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 22 ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدىكەن. مۇسابىقىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئالاقىدار 21 نازارەت، ئىدارە ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلىشىدىكەن.

  مۇسابىقە «ماھارەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، مۇسابىقە تۈرلىرى يېزىلاردىكى ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى ماھارەتنى ئاساس قىلىپ تەسىس قىلىنغان، تام قوپۇرۇش ئىشچىسى، ئاپتوموبىل رېمونتچىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتچىسى، توكچى، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى، ياشانغانلارنى كۈتۈش پەرۋىشكارى، بوۋاق باققۇچى، غەربچە پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ئۇستىسى، تاماقخانا مۇلازىمەتچىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئۇستىسى ۋە جۇڭگوچە قورۇما قورۇش (قوي گۆشىنى قاقلاپ پىشۇرۇش)تىن ئىبارەت 11 مۇسابىقە تۈرى ۋە جۇڭگوچە خېمىر تائاملارنى پىشۇرۇش ئۇستىسى (نان يېقىش)دىن ئىبارەت بىر ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنغان.

  مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملار يېزا ئىگىلىك ئائىلىلىرى، بولۇپمۇ ھەرقايسى جايلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ (كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ياردەم بېرىش-يۆلەش ئوبيېكتى بولغان ئائىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خادىملىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى بىرلىك قىلىپ ئۆمەك تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ھەربىر تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ھەربىر ۋەكىللەر كوماندىسى ئىككى ماھىرنى تاللاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىدىن ھەربىرىدىن بىر ماھىر بار.

  مۇسابىقىنىڭ ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە ھەرقايسى گۇرۇپپا ئايرىمىسى بويىچە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئالتۇن مېدالدىن بىرى، كۈمۈش مېدالدىن ئىككىسى، مىس مېدالدىن ئۈچى تەسىس قىلىنىدۇ، ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدالغا ئېرىشكەن ماھىرلار ھازىرقى كەسپىي سالاھىيىتى ياكى كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى ئاساسىدا بىر دەرىجە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ مۇسابىقىنىڭ ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئالدىنقى 3-لىككە ئېرىشكەن ماھىرلارغا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن، «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى» دېگەن شەرەپ بېرىلىپ، مېدال، مۇكاپات تاختىسى ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

  مۇسابىقە مەزگىلىدە يەنە «ماھارەت جۇڭگو سەپىرى 2021 − شىنجاڭغا كىرىش» «كەسىپ مۇسابىقىسى بويىچە كەسپىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش» «جۇڭخۇا قالتىس ماھارىتىدىن ئويۇن كۆرسىتىش» قاتارلىق نامايان قىلىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ