مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

3-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

2021.09.15 09:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​چېن چۈەنگو، لى جىخېڭ سۆز قىلدى

  ​شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

  9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 3-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر لى جىخېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ شياۋبىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق ئىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت ياراتماقتا. بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 8-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، خەلق ئىشلىرىغا ئائىت تۈرلۈك ئىشلارنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتلىك، ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

  لى جىخېڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مايىللىشىش، قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى زورايتىپ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  لى جىخېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق ئىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش، ياخشى ساقلاشنى قوللاش؛ دىققەتنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىنى قوللاش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى دەل جايىدا پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش؛ جەمئىيەت كۈچلىرىنى قاتنىشىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خاس ئەۋزەللىكلىرىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى دەل جايىدا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ياخشى ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتى(ئىدارە)لىرى ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، «مېھىر - مۇھەببەت تىيانشاننى ئىللىتتى. مېھىر-مۇھەببەت چەكسىز − مەملىكەتلىك جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» پائالىيىتىنى باشلىدى. جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى، فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، بىڭتۇەن 3-شىسى تۇمشۇق شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ئەييوۋ خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي سەنئەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، لى جىخېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى زىيارەت قىلىپ ھال سورىدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرىنى يوقلىدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۇي، قادىلبېك قامزا، مۇتەللىپ مەتتوختى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ