مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​20 نەچچە ئورۇن 330 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەردى

2021.09.15 09:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مېھىر-مۇھەببەت تىيانشاننى ئىللىتتى . مېھىر-مۇھەببەت چەكسىز − مەملىكەتلىك جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

  ​20 نەچچە ئورۇن 330 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەردى

  «مېھىر-مۇھەببەت تىيانشاننى ئىللىتتى . مېھىر-مۇھەببەت چەكسىز − مەملىكەتلىك جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» 9-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلاندى، 20 نەچچە جەمئىيەت تەشكىلاتى، خەيرىيەت تەشكىلاتى 330 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى.

  «بۇ، خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئۆزگىچە پائالىيەت بولۇپ، كەڭ جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، خەيرىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى، ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىغا ئېرىشتى.» خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ شياۋبىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، خەيرىيەت تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا غەمخورلۇق قىلىش، خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەيرىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم داڭ چىقارغان، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، ئامما ئېتىراپ قىلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۈپەتلىك ماركا تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى.

  بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بالىلار كېسەللىكلىرى، راكقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق داۋالاش ساھەسىدىكى خەيرىيەت تەشكىلاتلىرى بار، يەنە ئاياللار، بالىلار ئىشلىرى، ئىجتىمائىي سەنئەت، نوپۇس پاراۋانلىقى قاتارلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى بار، شۇنداقلا چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ فوندى جەمئىيەتلىرى بار.

  «تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ھەم شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىقتىسادىي مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى ھەم دۆلەت ئىچىدىكى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى بىلەن شىنجاڭدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.» ئەييوۋ خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە باش كاتىپى لۈەن يىبىن مۇنداق دېدى: فوندى جەمئىيىتىمىز خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەيرىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جەمئىيەت خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى بىلەن كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ شىنجاڭغا 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۈچ يىلغا بۆلۈپ ئىجرا قىلىپ، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە شىنجاڭدىكى ھەمكارلاشقان دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭغا ئىئانە قىلىپ يولغا قويغان «بالىلار سەنئىتى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى»دا قاتتىق دېتال سېلىنمىسى تەكىتلىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. جەمئىيەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ چۈنخۇي مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن «جۇڭگو ئىجتىمائىي سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر سەنئەت تەربىيەسى بازىسى» تەسىس قىلىپ، قىممىتى 10 مىليون يۈەنلىك AI ئاقىل سۇپىسى، رەقەملەشكەن ئوقۇتۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 135 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنى رەقەملەشكەن ئوقۇتۇش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

  «بىز تاشقى كۈچ تىرىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرى، ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ جۈنفېڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ