مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى

2021.09.15 09:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ھاۋا مۇداپىئەسى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2021 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 12:00دە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بىرتۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىشنى بېكىتتى. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

  بىرىنچى، سىگنال بېرىش ۋاقتى

  2021 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:00دىن سائەت 12:19غىچە.

  ئىككىنچى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنىڭ سىگنال تۈرى

  ئالدىن سىگنال: 36 سېكۇنت بېرىلىپ، 24 سېكۇنت توختايدۇ، ئۈچ قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

  ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى: ئالتە سېكۇنت بېرىلىپ، ئالتە سېكۇنت توختايدۇ، 15 قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

  سىگنالنى بىكار قىلىش: ئۇدا ئۈچ مىنۇت سىگنال بېرىلىدۇ.

  ھەربىر تۈردىكى سىگنالنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى بەش مىنۇت بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، سىگنال بېرىش دائىرىسى

  ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، بورتالا شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، شىخو شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى.

  سىناق تەرىقىسىدە سىگنال بېرىش مەزگىلىدە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، خاتىرجەم خىزمەت قىلىپ ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداپ، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى سورايمىز.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

  2021 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ