مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى باشلاندى

2021.09.15 09:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 2021 - يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سارىيى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى خۇڭمياۋزى تەۋەلىك رايونى شىنجۈ مەھەللىسىدىن ئىبارەت ئىككى يىغىن مەيدانىدا تەڭلا باشلاندى. بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «100 يىلدا قايتا ئاتلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىغا يۈرۈش قىلىپ، ئۆزىمىزگە تايىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزايلى»، پائالىيەت 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

  بۇ يىلقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا قايتا نەزەر سېلىش؛ ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم - پەن ئارزۇسىنى ئۇرغۇتۇش؛ يېشىل تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش؛ مەۋقەنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش؛ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئىلىم - پەن ساپاسى پىروگراممىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى پاتىمە ئابلىكىم مۇنداق دېدى: پائالىيەت باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «بىر جايدا بىر خاسلىق بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ۋە نۇقتىلىق پائالىيەتلەرنى نۇقتىلىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆپ دەرىجىلىك بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان، كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان، مەڭگۈ ئاياغلاشمايدىغان يۈرۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  پائالىيەت مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تارقىتىشقا قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، 13 نازارەت، ئىدارە - ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكىتى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن - تېخنىكا تەربىيەسى بىرلەشمە ھەرىكىتى، پەن - تېخنىكا بايلىقىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈش بىرلەشمە ھەرىكىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى بىرلەشمە ھەرىكىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

  «بۇلۇتتا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» بۇ يىللىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى. كەلگۈسى بىر ھەپتىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيەتلىرى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىش، تېمىدا ھەمتۈرتكە بولۇش، قىسقا سىن قوبۇل قىلىش، بۇلۇتتا مەيدان - سارايلارنى ساياھەت قىلىش، پەن - تېخنىكا پىدائىيلىرىنى ئالقىشلاش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق، تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقلىرىدىن ئىستېرېئولۇق ھەمبەھرىلىنىپ، ئاممىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەسىراتىنى بېيىتىپ، توردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، تارقىتىش قىزغىنلىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھازىرغىچە، مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى تور بېكىتى ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 393 تۈر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىنى ئىلتىماس قىلىشقا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمە ھەرىكەتكە قاتنىشىش پائالىيىتى جەمئىي 215 تۈر بولۇپ، قاتناشقان ئادەم سانى 5 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم، پائالىيەتنىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى 2 مىليون 70 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق بولدى.

  پاتىمە مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىدە ئىلىم - پەن روھى، ئالىملار روھى، پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىلىم - پەن ئارزۇسى ئۇرغۇتۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى يارىتىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پائال سۇپا بەرپا قىلىنىپ، ھەرقايسى پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر - كارخانىلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، ئىلىم - پەن روھى ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى ھەمبەھرىلەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «ھەممە كىشى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا قاتنىشىش، ھەممىلا يەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئورنى بولۇش»تەك قويۇق كەيپىيات يارىتىلىدۇ.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە شىنجاڭدىكى 1 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئىككى ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر، رايون)گە ۋىۋىسكا بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2021 - يىللىق شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى» ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە بېرىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ