مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەھرىمان - نەمۇنىچىلار سارىيىدا ئەسلىي مەقسەتنى سۆزلەش

2021.09.15 09:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «بۇ دورا ساندۇقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىكى دورا ساندۇقى، ھازىر خېلى كۆپ ياخشىلاندى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 -، 70 - يىللىرى بىز ئېلىپ يۈرىدىغان دورا ساندۇقى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئېغىر ئىدى، چارۋىچىلىق رايونىغا بېرىپ بىر قېتىم سەييارە كېسەل كۆرۈشكە بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى، دورا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن سىرت، يەنە ئاتقا يېتەرلىك يەم - خەشەك ئېلىۋالمىساق بولمايتتى...» دېدى يېشى 80دىن ئاشقان ۋۇ دېڭيۈن 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قەھرىمان - نەمۇنىچىلار سارىيىدا ئۇلۇغچات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا بىر دورا ساندۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  1963 - يىلى ۋۇ دېڭيۈن جياڭسۇ ياڭجوۋدىن ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە كەلدى. ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن 58 يىلدا، ھەر مىللەتتىن بولغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جەمئىي 30 قېتىمدىن ئارتۇق قان تەقدىم قىلدى، تەقدىم قىلغان قاننىڭ ئومۇمىي مىقدارى 7000 مىللىلىتىردىن ئاشتى، كۆيۈپ يارىلانغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۇتىدىن 13 پارچە تېرىنى كېسىپ ئالدى. چارۋىچىلىق رايونلىرىغا سىجىل چوڭقۇر چۆكۈپ، سەييارە كېسەل كۆرۈپ، خالىس كېسەل داۋالاپ، ئاياغ ئىزلىرىنى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى بارلىق يېزا - بازار، كەنتلەردە قالدۇرۇپ، يەرلىكتىكى دېھقان - چارۋىچىلار تەرىپىدىن «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» دەپ ئاتالدى. گەرچە 80 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، ۋۇ دېڭيۈن ھازىر داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يەنە داۋاملىق خىزمەت قىلماقتا.

  ۋۇ دېڭيۈن گەپنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە دوختۇر بولغان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرىدىن باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكىگىچە سۆزلەپ بەردى.

  «ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن 58 يىلدا، مەن پەقەت بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بىر تېببىي خىزمەتچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلدىم، لېكىن پارتىيە ۋە خەلق ماڭا مۇشۇنداق يۇقىرى شان - شەرەپلەرنى بەردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسىدىن تېخىمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ» دېدى ۋۇ دېڭيۈن.

  ۋۇ دېڭيۈن يەنە ئۇلۇغچات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى باشلاپ 1 - قەۋەتتىكى كۇتۇپخانىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش باغچىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە قىزىل كىتابلارنى ئوقۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى كىنونى كۆرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى، مۇزاكىرە قىلدى.

  «ئۇلۇغچات ناھىيەسى قەھرىمان - نەمۇنىچىلار كۆپ چىققان جاي، ۋۇ دېڭيۈن بوۋاي ۋە ھەربىر قەھرىمان - نەمۇنىچى شەخس ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ۋۇ دېڭيۈننىڭ سۆزى مېنى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، بىر مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسى بولىمەن» دېدى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى تۇرسۇنگۈل قەيسەر.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇلۇغچات ناھىيەسى قەھرىمان - نەمۇنىچىلار سارىيى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش سارىيى، كۇتۇپخانا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش باغچىسى قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىغا تولۇق تايىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپىدىكى مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روھى ۋە ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كەڭ كۆلەمدە تەشكىللىدى. ھازىرغىچە ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى قىزىل مەيدان - سارايلار قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن پارتىيەلىك كادىرلاردىن جەمئىي 4000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كۈتۈۋالدى.

  «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىدا، ئۇلۇغچات ناھىيەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى» دېدى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ شياۋ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ