مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى

2021.09.15 09:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە «14 - بەش يىل»دىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى زورايتىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىكەن.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، شىنجاڭ مۇتلەق نامراتلىق تارىخى بىلەن خوشلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكەلدى.

  «بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى چېن لېي مۇنداق دېدى: ئاساسلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ مەسئۇلىيەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى توختاتماسلىقتىن ئىبارەت «تۆتنى توختاتماسلىق» سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك.

  مۇشۇ ئاساستا، شىنجاڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. «بىز بازار يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى خاس بايلىققا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردا كەسىپلەرنى ئۇزاققىچە داۋاملاشما يېتىلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز» دېدى چېن لېي.

  كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. كەلگۈسى بەش يىلدا، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتى يەنىمۇ تېزلىتىلىدۇ − سىناق نۇقتىلىرىدا تەجرىبە قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يېزا بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلىپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىجىل ئاشۇرۇلىدۇ.

  «يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، يەنە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى قۇرۇش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كۆپ قاتلامدا يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چېن لېي مۇنداق بىلدۈردى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ