مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەنتتە چۈشتىن كېيىنلىك چايخانا بار بولدى

2021.09.14 15:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا مەيىن شامال ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، ھويلىدىكى تاماق ئۈستىلىگە چىرايلىق، پاكىز چىنە - چەينەكلەر تىزىلغانىدى. 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرى سۆگەتئېرىق كەنتىگە مېۋە - كۆكتات ئۈزگىلى كەلگەن ساياھەتچى جاۋ يىجيې «سۆگەت چۈشتىن كېيىنلىك چايخانىسى»نىڭ تەشۋىقات تاختىسىغا ئۇزاققىچە سىنچىلاپ قارىدى، كەنتتە ئېچىلغان بۇ «چۈشتىن كېيىنلىك چايخانا» ئۇنى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ھەيران قالدۇردى.

  سۆگەتئېرىق كەنتىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، كەنتتە باغ - ئورمان ۋە كۆكتات تېرىقچىلىق تۈرلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا يېزا - كەنت ساياھىتى، بولۇپمۇ مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر ياخشى بولدى.

  «ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، كەنتىمىزنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئاشتى. بۇ يىل 5 - ئايدا ئېچىلغان <سۆگەت چۈشتىن كېيىنلىك چايخانىسى> دەل بىزنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىغان تۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى جاڭ رۇيخۇا.

  چايخانىغا قىزىل چاي، كۆك چاي، قارا چاي قويۇلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرى ھەقسىز چاي دەملەپ ئىچسە بولىدۇ. چاي ئىچكەندىن باشقا، كۆپچىلىك يەنە نان، لەڭپۇڭ، قېتىق، باچكا شورپىسى، پولۇ، سۇيۇقئاش قاتارلىق بەزى خاس يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇتسا بولىدۇ.

  «سۆگەت چۈشتىن كېيىنلىك چايخانىسى» تەمىنلىگەن تائاملار ئانارگۈل تاتلىقنىڭ قولىدىن چىققان، ئۇ كەنتتىكى مەززىلىك تائاملار دارېنى بولۇپ، چۈشتىن كېيىنلىك چايغا قانداق مەززىلىك تائاملارنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغانىدى.

  «چۈشتىن كېيىنلىك چاي رەسمىي تاماق ئەمەس، مىقدارى كۆپ بولسا ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا مەن ئاز مىقدارلىق ساتىمەن، كۆرۈنۈشى نەپىس، كۆپچىلىك بىرنەچچە تۈرلۈك تاماقنى كۆپرەك تېتىپ باقسا بولىدۇ. مەن چوڭ شەھەرلەردىكى چۈشتىن كېيىنلىك چاي ئىچىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدىم، پېچىنە - پىرەنىك، ئىچىملىك قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن، بۇلارنى مەنمۇ تەييارلىيالايمەن، بۇ يەرگە كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرمۇ <مودا يېمەكلىكلەر>نىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ.» ئانارگۈل تاتلىق مۇنداق دېدى: كەنتىمىزنىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان ئۆرۈك، شاپتۇل، ئۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىدە مېۋە مۇرابباسى ۋە ئىچىملىك تەييارلىغىلى بولىدۇ.

  «ئىشنى تۈگىتىپ ھېرىپ كەتكەندە ياكى ئىچىم پۇشۇپ قالغاندا، چۈشتىن كېيىنلىك چايخانىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ، كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن.» كەنت ئاھالىسى ئامانگۈل مەخسۇم مۇنداق دېدى: «شەھەردىكىلەر بەھرىمەن بولىدىغان چۈشتىن كېيىنلىك چاي ۋاقتىدىن بۈگۈنكى كۈندە كەنتىمىزدىكىلەرمۇ بەھرىمەن بولالايدىغان بولدۇق».

  جاڭ رۇيخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، سۆگەتئېرىق كەنتى پۈتۈن كەنتنى مەنزىرە رايونىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا كەنتنىڭ ھويلا - ئارانلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، باغ - ئورمان تېرىقچىلىقى، كۆكتات تېرىقچىلىقى قاتارلىق نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەربىر ئائىلىنى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان جايغا ئايلاندۇرىدۇ.

  كەچكى قۇياش غەربكە پاتقاندا، تولۇق ھاسىلاتقا ئېرىشكەن جاۋ يىجيې قايتىشقا تەييارلاندى. ئۇ «سۆگەت چۈشتىن كېيىنلىك چايخانىسى»دا چۈشكەن ئۆزىنىڭ چىرايلىق سۈرىتىنى ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھرىلىگەندىن كېيىن، كۆپ ئالقىشقا ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ