مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​كادىرلارنىڭ يۈكى يېنىكلىدى ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاشتى

2021.09.13 10:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قاراماي شەھىرىدە:

  ​كادىرلارنىڭ يۈكى يېنىكلىدى ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاشتى

  8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يىڭبىن كوچا باشقارمىسى ياديەننا مەھەللىسىگە بىر يېڭى ئاھالە كۆچۈپ كەلدى، مەھەللە خىزمەتچىسى پېڭ يۆ بۇ ئاھالىنىڭ بارلىق ئۇچۇرىنى بەش مىنۇتتىلا كىرگۈزۈپ بولدى. بۇ ئۇچۇرلاردىن مەھەللىدىكى باشقا خىزمەت ئۇچۇر سۇپىلىرىمۇ ھەرۋاقىت ئورتاق ھەمبەھرىلىنىدۇ.

  «ئىلگىرى مەھەللىدىكى ئوخشاش بولمىغان خىزمەتلەرگە مەسئۇل خىزمەتداشلارنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۇچۇرلارنى مەھەللىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر توپلاش سىستېمىسى، كۆچمە نوپۇس سىستېمىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى قاتارلىق ئاز دېگەندە ئۈچ سۇپىغا كىرگۈزۈشىگە بىر سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى. ھازىر پەقەت <ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش> ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر توپلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇچۇر كىرگۈزسىلا بولىدۇ، بۇ سىستېما سانلىق مەلۇماتلارنى باشقا سىستېمىغا ئاپتوماتىك ھەمبەھرىلەيدۇ، بۇنىڭدا بەش مىنۇتتىلا ئىش تاماملىنىپ، خىزمەت مىقدارى زور دەرىجىدە يېنىكلىدى» دېدى پېڭ يۆ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نىشانلىق كۈچەپ، جەدۋەل كۆپ بولۇش، ھۆججەت كۆپ بولۇش، يىغىن كۆپ بولۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرلىرى كۆپ بولۇش قاتارلىق شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تۈزىدى، نەتىجە - ئۈنۈمى سىجىل كۆرۈلدى.

  قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى ۋە مەھەللە ئىدارە قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جۇ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى «جەدۋەل»دىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى 2017 - يىلىدىن باشلاپ كۆپ تۈرلۈك لايىھەنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. بولۇپمۇ، 2019 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر بولغاندىن كېيىن، قاراماي شەھىرى «ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش» مەخسۇس ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتتى. «بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش ئۆلچەم قويۇش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، پۈتۈن شەھەر بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان «بىر جەدۋەل» ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر توپلاش سىستېمىسىنى ئېچىپ قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا سانلىق مەلۇمات توپلايدىغان 11 سۇپىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن بىر ئۇچۇر توپلاش سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، «بايلىقنى رەقەملەشتۈرۈش، قوللىنىشنى تورلاشتۇرۇش، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش»تەك ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەھەللىدىكى ئادەم، ئىش، نەرسە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇپ ئورتاق ھەمبەھرىلىنىش ۋە كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  نۆۋەتتە، بۇ سىستېما پۈتۈن شەھەردىكى 26 تارماق ئىشلىتىۋاتقان سىستېما سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ، پۈتۈن شەھەردىكى 112 مەھەللە (كەنت)دە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھەرقايسى مەھەللە (كەنت)لەر توپلاپ تولدۇرۇشقا تېگىشلىك سانلىق مەلۇمات 108گە قىسقارتىلدى، قالغان سانلىق مەلۇماتلار «ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش» سانلىق مەلۇمات بايلىقى كۆلچىكىدىن ئېلىنىپ، مەھەللە (كەنت) ئاھالىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش مىقدارى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى.

  تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىنلارنىڭ «قايتا باش كۆتۈرۈشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى يەنە بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت. ئالدىنقى مەزگىللىك تۈزەش ئاساسىدا، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر دەرىجىلىك ھۆججەت، يىغىنلارنى ئىخچاملاش تەدبىرلىرى ۋە كونكرېت تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر يىلنىڭ بېشىدا پۈتۈن شەھەر بويىچە ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ھۆججەت تۈزۈپ تارقىتىش، يىغىن ئېچىش كۆرسەتكۈچ نورمىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى ھەم «ئاق ھۆججەت» ياكى خىزمەت ئالاقىسىنى قىزىل باشلىق ھۆججەت ئورنىغا دەسسىتىش قاتارلىق يوشۇرۇن ئۆزگەرتىۋېلىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي توستى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئىخچاملانغان تۈردىكى ھۆججەتتىن جەمئىي 256 پارچە تۈزۈپ تارقىتىلىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.95 ئازايدى؛ ئىخچاملانغان تۈردىكى يىغىندىن 48 مەيدان ئېچىلىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %34.25 ئازايدى.

  «ھەر دەرىجىلىك تارماقلار بېسىپ تارقاتقان ھۆججەتلەر ناھايىتى كۆپ ئازايدى، ھەجىمىمۇ ناھايىتى قىسقاردى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىمۇ ئىنتايىن ئېنىق ۋە كونكرېت بولدى؛ مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يىغىنلارمۇ بىرلەشتۈرۈلدى ياكى كىرىشتۈرۈپ ئېچىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، بەزىدە كوچا باشقارمىسى (يېزا - بازار) ياكى مەھەللە (كەنت)لەرگىچە بىۋاسىتە ئېچىلدى» دېدى قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى پېي نيەندېڭ.

  ئىلگىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى باھالاشنى كۈتۈۋېلىش، تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش، ماتېرىيال يېزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، باھالاش نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچنى ئىگىلىۋالاتتى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەكتىن بوشىتىپ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرى شەھەر دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئومۇمىي مىقدارىنى سىجىل ئازايتتى. «يىل بېشىدا تارماقلار ئىلتىماس قىلىش، بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ تەكشۈرۈشنى بىرىكتۈرۈش، بىر قېتىمدىلا پىلان تۈزۈش» تەرتىپى بويىچە، شەھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە ھەرقايسى رايونلار يوللىغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرلىرىدە ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، خاراكتېرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئوبيېكتى ئوخشاش بولغان ئىش تۈرلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرلەشتۈرۈپ ياكى تەڭشەپ، مىقدارنى ئازايتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئىستىلنى ياخشىلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. 2020 - يىلى، شەھەر دەرىجىلىك تارماقلار يوللىغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرلىرى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18.8 ئازايدى، ھەرقايسى رايونلار ئەنگە ئالغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرلىرى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18.5 ئازايدى.

  «يۈك يېنىكلىتىلگەن»دىن كېيىن قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك بولغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ «بىز نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرلىرىنى ئىشتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىشتىن كېيىن دوكلات قىلىش ۋە ھەرىكەتچان تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەرياننى نازارەت قىلىش ۋە ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەڭ داغدۇغىسى چوڭ بولۇش، كەڭ دائىرىدە ماتېرىيال تەكشۈرۈش، تىزىملىك دەپتىرىنى كۆرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، كۆپرەك نەق مەيداننى كۆرۈپ، نەتىجىنى كۆرۈپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى كۆرۈپ، كۆپرەك كونكرېت ئىشلارنى كۆرۈپ، ئاممىنىڭ گېپىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسىلىلەرنى بايقىشىغا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بەردۇق» دېدى قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ شۈدۇڭ.

  «2019 - يىلىدىن ئىلگىرى، نەنلىن مەھەللىسى <ئىككى كومىتېت>ى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەر يىلى ئامما ئۈچۈن 100 ئەتراپىدا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدىلا 175 ئىشنى بېجىرىپ بولدى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىمۇ 2019 - يىلىدىن ئىلگىرىكى %96.5تىن ھازىرقى %99.5كە ئۆستى.» قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى كوئېنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى نەنلىن مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ لى مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ ئاجرىتىپ بەردى».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ