مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى

2021.09.13 10:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​ئالدىنقى يېرىم يىلدا 14 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %72.1 بولدى

  مۇخبىرنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %72.1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى، كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقى سىجىل تۆۋەنلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكىدىن ئىبارەت «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى.

  ئاتموسفېرا جەھەتتە، 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدىنى قويۇپ بېرىش مىقدارى 2015 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا جەمئىي %8.12، %8.88 تۆۋەنلەپ، دۆلەت بەلگىلىگەن ئىككىنى %3 تۆۋەنلىتىش بويىچە باھالاش نىشانىدىن ئېشىپ كەتتى؛ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %75.6 بولۇپ، 2015 - يىلىدىكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. سۇ جەھەتتە، دەريا - ئېقىن، كۆل - ئامبار، شەھەر - بازارلاردىكى مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبە جايىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە ئەلا سۈپەتلىك سۇ سۈپىتى نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.8، %74.2، %92.4كە يېتىپ، 2015 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5.9، 10.9 ۋە 0.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، بىردەك دۆلەتنىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچى تەلىپىگە يەتتى؛ خىمىيەۋى ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت جەمئىي %4.71، %6.35 تۆۋەنلەپ، دۆلەت بەلگىلىگەن %1.6 ۋە %2.8 تۆۋەنلىتىش باھالاش نىشانىدىن ئېشىپ كەتتى. تۇپراق جەھەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر مېتال قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىلىپ، تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ساقلاندى.

  بۇ يىل «14 - بەش يىل» باشلانغان يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ھاۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، ئېكولوگىيەنى كۈچەيتىش، سۇنى كۆپەيتىش، تۇپراقنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %72.1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ PM10نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 131 مىكروگىرام/كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 تۆۋەنلىدى؛ PM2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 46 مىكروگىرام/كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 تۆۋەنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپىتى مۇقىم ساقلاندى، تەكشۈرۈپ ئۆلچەنگەن 170 دەريا - ئېقىن كەسمە يۈزى، 32 كۆل - ئامبار، 120 سۇ مەنبەسى جايىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ سۈپىتى نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.2، %81.25، %93.3 بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتى، يادرو ۋە رادىياتسىيە مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ساقلاندى.

  «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تىزگىنلەش، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئون جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى چۆرىدەپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا سۇبيېكت بولغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئامما قاتنىشىدىغان زامانىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مۇھىت تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ