مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سوراش خېتى

2021.09.13 10:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ

  شىنجاڭدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سوراش خېتى

  37 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ھال سوراش خېتى ئەۋەتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە:

  ئەتىيازدىكى چېچەكلەر كۈزدە مېۋە بەردى، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. 37 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايدۇ ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ! شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنى قوللىغان جەمئىيەتتىكى بارلىق ھەر ساھەدىكىلەرگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ!

  مائارىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن مائارىپنى گۈللەندۈرۈش، مائارىپنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ ئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئورنى ۋە رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇنبەردە يىلتىز تارتىپ، قېتىرقىنىپ ئادەم تەربىيەلەپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە تارقىتىش، ھەقىقەت تارقىتىش، روھ يارىتىش، ھاياتلىق يارىتىش، يېڭى كىشىلەرنى يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈردى، سىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچى ھەم مۇھىم تاپشۇرۇقىغا يۈز كېلەلەيسىلەر، خەلق ئوقۇتقۇچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا يۈز كېلەلەيسىلەر!

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشىنى؛ باشتىن - ئاخىر ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سۆز ئارقىلىق يەتكۈزۈش بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قېتىرقىنىپ سوراش بىلەن جەمئىيەتكە نەزەر سېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم ئەركىنلىكى بىلەن ئىلىمنى قېلىپلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ غايە - ئېتىقادقا، ئەخلاق - پەزىلەتكە، پۇختا بىلىمگە، مېھرىبان قەلبكە ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ ئىلغار ئىدىيە - مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىسى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى قەتئىي قوللىغۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچى ۋە يول باشلىغۇچى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان بولۇشىغا ياردەم بېرىشىنى؛ باشتىن - ئاخىر توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئاساسىي بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، ياخشى ساقلاپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىش ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر باشتىن - ئاخىر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور مائارىپ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تولۇق تونۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى، تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىدا ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىغا، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تۇيغۇسىغا، جەمئىيەتتە شان - شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە كىشىلەرنى ھەۋەس قىلدۇرىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس - بەستە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، داڭلىق ئوقۇتقۇچى، داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەمدە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىغا خۇشاللىق، تېنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىگە ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمىز!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

  2021 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ