مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى ۋە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى

2021.09.13 10:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن جۇڭگونىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. چاۋشيەن، بېلارۇسىيە، لائوس، ۋېنېزۇئېلا، زىمبابۋې، ئىران، بولىۋىيە قاتارلىق 30دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خاس خادىم ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالاھىدە مېخانىزم مۇتەخەسسىسلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىق 60تىن ئارتۇق كىشى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، لى شۆجۈن، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋە ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى ۋە جەنۋەدە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار كەسىپ، كارخانىلارغا يولسىزلارچە چەكلەش يۈرگۈزۈشى ئوچۇق - ئاشكارا مۇشتۇمزورلۇق سىياسىتى ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىدۇر. شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى، ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ياشاش ھوقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن ئىبارەت، لېكىن ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  چېن شۈ سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش سىياسىي سۇيىقەستىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دەپ تۆھمەت قىلدى ھەم بۇنى باھانە قىلىپ يولسىزلارچە يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلدى، بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوللايدىغان بارلىق زاتلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە لەنىتىگە ئۇچرىدى. يوللۇقلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، يولسىزلار يار - يۆلەكسىز قالىدۇ، ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتالايدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرى مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى دۇ خەن سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇش شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىغا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى كارخانا ياكى ئاپپاراتلارغىمۇ ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن شەخسلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇنداق يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىدۇ ھەم توسىدۇ. بىز خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق پىرىنسىپلارنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئاساسى قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يىغىندا، كۆپ دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ياكى مۇئاۋىن ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ قارىشىنى بايان قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى قوللانغان خەلققە پايدىلىق تەدبىرلەرنى نەزەرگە ئالماي، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» باھانىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي مەقسەت بار، ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا خىلاپ. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، باشقا دۆلەت ۋە ئاپپاراتلارنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشقا ھەققى يوق. بىز جۇڭگو شىنجاڭ قوللانغان خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تامامەن قوللايمىز، جۇڭگوغا قارا چاپلاشقا، شىنجاڭغا قارا چاپلاشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ئوسمان ئۆمەر ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەندەك يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى ۋە سەپسەتىلىرىنى پاش قىلدى؛ شىنجاڭدىن كەلگەن كارخانا ۋەكىللىرى ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ نورمال تىجارەت پائالىيىتى ۋە ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقى قاتارلىق ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى سۇيىقەستى ھەمدە ئۇلارنىڭ «ساختا كىشىلىك ھوقۇق، ھەقىقىي ئارىلىشىش»تەك ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى.

  پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا «ئەمگەك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ» مەخسۇس فىلىمى قويۇلدى ھەم قىسقا سىن شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن تەسىرلىك مەنزىرىسى نامايان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ