مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.09.13 10:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون نانچىلىق كەسپىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

  نانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

  9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايون نانچىلىق كەسپىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئائىت سىياسەت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلدى، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشقان، توغرا يۆنىلىشلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇردى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نان شىنجاڭنىڭ خاس يېمەكلىكى ۋە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، كۆپ يىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نانچىلىق كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك تۇتقىغا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە، شىنجاڭنىڭ «رايون نام كارتىسى»غا ئايلاندى، بۇ، گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم رولغا ئىگە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، نانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت كۈچلىرىنى كۈچەيتىپ سەپلەپ، دائىملاشقان يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى كېڭىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چوڭ ۋەزىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، نانچىلىق كەسپىدىكى تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، خادىملارنى تەربىيەلەش، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېشىل يول ئېچىپ، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىش ۋە قوللاش كېرەك. دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىر بار بولغان كەسىپ سىياسىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىش كېرەك. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ماركىتىڭ ئەندىزىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ نانلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نانچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېشىل، ساغلام بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى چۆرىدەپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ ساياھەتچىلىك، خاس مەدەنىيەت، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېمەك - ئىچمەك كەسپى بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، بازارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلەنگەن خاس ئەۋزەل كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تېزدىن ئاپتونوم رايوندىكى نانچىلىق كەسپى كارخانىلىرىنى رويخەتكە ئېلىش ھەم ئايلىنىشنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش تورى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ ئايلىنىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش مېخانىزمى ۋە خىزمەت تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سارقىت ئاقان، جاۋ چىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، سودا نازارىتى، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ