مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ھەم دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش يىغىنى ئېچىلدى

2021.09.13 10:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چېن چۈەنگو، خاۋ پېڭ سۆز قىلدى

  شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

  9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ھەم دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر خاۋ پېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن خۇڭبىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت ياراتماقتا. بىز بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەمكارلىشىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، كەسىپ تۈرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

  خاۋ پېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  خاۋ پېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ قوشۇشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقەتچىلىك كەسپىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك؛ چوڭقۇر گىرەلىشىش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك؛ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  يىغىندا، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، بىڭتۇەن بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، بىڭتۇەن مەركەز كارخانىلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، مەركەز كارخانىلىرى ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار دۆلەت كارخانىلىرى ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن تۈر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئالتە ئورۇندىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  9 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، خاۋ پېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەن زوجۈن، جوۋ گوپىڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، پېڭ جيارۇي، جاۋ چىڭ، ياۋ شىنمىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، ئالاقىدار مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ