مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق سۆزلەشكەن قىزچاقنىڭ بىر «قەدىناس دوستى» بار

2021.09.13 10:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن يۇلتۇز ئىليار جاڭ خېنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى. «مەن تۈنۈگۈن سىز بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق سۆزلەشكەن سىننى نەچچە قېتىم كۆردۈم، بىزنىڭ چىرايلىق قىزىمىز ھەقىقەتەنمۇ قالتىس» دېدى جاڭ خې يۇلتۇزنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى.

  9- ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۇلتۇز مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيىدە شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن ئەمەلىي ۋاقىتتا سۆزلەشتى.

  «قىزچاق، بەك قالتىس ئىكەنسىز، تەمكىن بولدىڭىز، ئىنتايىن جۇشقۇن، روھلۇق ئىكەنسىز.» ئىككىيلەن ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا، جاڭ خې يۇلتۇز بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ سىنلىق ئۇلىنىش كۆرۈنۈشىنى يەنە بىر قېتىم كۆردى. ھاياجانلانغانلىقىدىن ئۇنىڭ يۇلتۇزنى تۇتقان قوللىرى سەل تىترەپ كەتتى.

  يۇلتۇز بۇ يىل 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 85 ياشلىق يالغۇز تۇرىدىغان موماي جاڭ خېنىڭ قوشنىسى. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، بۇ موماي بىلەن بۇ ئۆسمۈر «قەدىناس دوست»لارغا ئايلىنىپ، ئۆزئارا ياردەملەشتى، ئۆزئارا ئۆگەندى، ھەر قېتىملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا ھېسسىياتنى كۈچەيتتى.

  قىزغىن قىزچاق يالغۇز تۇرىدىغان موماينىڭ تۇرمۇشىغا «بۆسۈپ» كىردى

  جاڭ خې ۋاراڭ - چۇرۇڭنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، يالغۇز تۇرۇشقا ئادەتلەنگەنىدى. 2018 - يىلىغا كەلگەندە، قىزغىن، تەشەببۇسكار يۇلتۇز ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا «بۆسۈپ» كىردى.

  شۇ كۈنى، كۆچۈپ كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان يۇلتۇز چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان جاڭ خېنىڭ ئەخلەت كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ «ئىشنى قولىغا ئېلىپ»: «موما، ئەخلەتنى مەن تۆكۈۋېتەي، مەن ئۇدۇلىڭىزدا ئولتۇرىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن نەرسە - كېرەك سېتىۋالماقچى بولسىڭىز مېنى چاقىرىڭ، ئىشلىرىڭىزنى مەن قىلىشىپ بېرەي» دېدى.

  «مەن يالغۇز تۇرىمەن، بالىلىرىم ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىدا كېلىپ ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. ئادەتتە قوشنىلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ كەتمەيمەن، شۇڭا تۇيۇقسىز بۇنداق بىر قىزچاقنىڭ كېلىپ ماڭا بۇ گەپلەرنى قىلىشى ماڭا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى» دېدى جاڭ خې.

  شۇ كۈندىن باشلاپ، جاڭ خېنىڭ ئىشىكى ئالدىدا دائىم بىر قىزچاق پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولدى.

  «ئىشىك ئوچۇق بولسىلا، ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىدۇ. بۇ بالىنىڭ مىجەزى ئوچۇق بولۇپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ، دائىم ماڭا ياردەملىشىپ ئۇششاق - چۈشەك ئىشلارنى، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ، ئادەتتە ئۆيىدە يېيىشلىك تاماق ئەتكەندە، ماڭا بىر كىشىلىك ئەكىرىپ بېرىدۇ.» جاڭ خې مۇنداق دېدى: «يۇلتۇزنىڭ قىزغىنلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ماڭا ئاز - ئازدىن تەسىر قىلدى، مېنى تەسىرلەندۈردى، ئۇ ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، مەنمۇ دائىم پەرزەنتلىرىمگە بۇ قىزچاقنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم».

  بۇلتۇر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندە، يۇلتۇزنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاكىسى پىدائىي بولدى، يۇلتۇزنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا تاللىنالمىدى. «ئەمما ئۇ جاڭ مومىسىنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردى، ھەر كۈنى ۋىيشىندا مومايدىن نېمە كەم ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئاپىسى ۋە ئاكىسى ئارقىلىق مومايغا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى» دېدى يۇلتۇزنىڭ دادىسى ئىليار ئىبراھىم.

  سىز ماڭا يان تېلېفون ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويۇڭ، مەن سىزگە جىڭجۈ تىياتىرىنى ئۆگىتەي

  «قىزچاق، بۇ ۋاكسىنا ئەملەش ئۇچۇرىنى مەن رەسىمگە تارتماقچى ئىدىم، قانداق مەشغۇلات قىلىمەن؟» جاڭ خې ئەۋەتكەن ۋىيشىن ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۇلتۇز ساپما كەشىنى كىيىپلا جاڭ خېنىڭ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭغا مەشغۇلات قىلىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

  جاڭ خېنىڭ قۇلىقى ئېغىر بولغاچقا، يۇلتۇز مومايغا يېقىن ئولتۇرۇپ، قايتا - قايتا ئاستا سۆزلەپ، موماينىڭ ھەربىر باسقۇچنى چۈشىنىشى، ئۆگىنىۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  «يان تېلېفوندىكى نۇرغۇن ئىقتىدارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ماڭا ئۆگەتكەن، ۋىيشىندا تارقىتىش، سىن، كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش، خېسۇەن تەكشۈرۈش - ئۆلچەش دوكلاتىنى تەكشۈرۈش، خەۋەر كۆرۈش...» جاڭ خې ئىنچىكىلىك بىلەن ساناشقا باشلىدى.

  «ئۇ ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن دائىم مومايغا ھەمراھ بولالماسلىقىدىن، موماينىڭ يالغۇزسىراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئارقىلىق موماينىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتماقچى بولدى. موماي ئۇ ئۆگەتكەن نۇرغۇن ئىقتىدارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتەلەيدىغان بولدى» دېدى ئىليار قىزىنىڭ كۆڭۈل قويغانلىقىنى سۆزلەپ.

  ئىككىيلەننىڭ ھېسسىياتى ئالاقە جەريانىدا ئاستا - ئاستا قويۇقلاشتى، لېكىن بىر موماي بىلەن بىر ئۆسمۈرنىڭ «قەدىناس دوست»لارغا ئايلىنىشى يەنىلا ئۇلارنىڭ ئوخشاش قىزىقىشى − جىڭجۈ تىياتىرىدىن بولدى.

  جاڭ خې پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئىلگىرىكى شىنجاڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ئىدى. بىر قېتىملىق يىغىلىشتا، ئۇ ئورۇنلىغان بىر بۆلەك جىڭجۈ تىياتىرى يۇلتۇزنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى.

  «ئۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مومامنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئېيتقىنىنى ئاڭلىشىم بولۇپ، شۇ ھامانلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم» دېدى يۇلتۇز.

  يۇلتۇزنىڭ شۇنچە ياقتۇرغانلىقىنى كۆرگەن جاڭ خېمۇ خۇشال ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئۆگەتتى. «بۇ قولىڭىزنى يەنە ئازراق ئېچىڭ...» بۇ يازلىق تەتىلدە، جاڭ خېنىڭ ئۆيىدە دائىم بىر موماي بىلەن بىر ئۆسمۈرنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى مەشىق قىلىۋاتقان ئىللىق كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى.

  «بۇ تەتىلدە مەن ئىككى تىياتىر ئۆگىنىپ بولدۇم، گەرچە ماھارىتىم تېخى كامالەتكە يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن تىرىشىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ يەنە قالتىس ئۇستازىم بار، ئىلگىرىلىشىم تېز بولىدۇ» دېدى يۇلتۇز.

  مومىسىنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتىش

  بۇ قېتىم ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئەمەلىي ۋاقىتتا سۆزلىشىدىغانلىقىنى يۇلتۇز جاڭ خېغا ئېيتمىدى. «مومامنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتىشنى ئويلىدىم» دېدى ئۇ.

  «ھەقىقەتەنمۇ چوڭ خۇشاللىق بولدى.» شۇ كۈنى يۇلتۇز ئەۋەتكەن سىن ئۇلانمىسىنى كۆرۈپ، تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان جاڭ خې ھاياجانلانغىنىدىن تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، يان تېلېفونىنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى قىلىپ تەڭشەپ، سىننى قايتا - قايتا كۆردى.

  «جىددىيلەشتىڭىزمۇ؟ بۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالەم پونكىتىدىمۇ؟» جاڭ خې سىنلىق ئۇلىنىشنىڭ تەپسىلاتىنى تەپسىلىي سورىدى. «مەن بىلەن پاراڭلاشقان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئىسمى تاڭ خۇڭبو، ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭدىمۇ خىزمەت قىلغان ئىكەن، مەن ھەم جىددىيلەشتىم ھەم ھاياجانلاندىم، ئالدىنقى كۈنى كېچىدە ئاساسەن ئۇخلىيالمىدىم...» دېدى يۇلتۇز مومىسىغا يۆلەنگىنىچە.

  جاڭ خېغا دېمەسلىكنىڭ سەۋەبى مومىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك ئىدى. «بۇ قېتىمقى ئۇلىنىش ئىنتايىن مۇھىم، مەنمۇ سەل بېسىم ھېس قىلدىم، لېكىن مومامنى ئەنسىرىتىشنى خالىمىدىم، ئۇلىنىش تۈگىگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئۇنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتىشنى ئويلىدىم» دېدى يۇلتۇز.

  ئەڭ ياخشى ھالەتنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، رەسمىي ئۇلىنىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، يۇلتۇز ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ ئۆيىدە ئالەم ئۇچقۇچىسى تاغىسىغا دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى قايتا - قايتا مەشىق قىلدى، يەنە ئاتا - ئانىسىنى ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ياردەملەشتۈردى. ئۇ شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپىسىغا دەپ مەخسۇس ئەتلەس كۆڭلەك تىككۈزدى.

  «مېنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنىم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار، شۇڭا مەن چوقۇم ئەڭ ياخشى ھالىتىمنى نامايان قىلىشىم كېرەك، موما، ئىپادەم قانداقراق بوپتۇ؟» «قالتىس بوپتۇ، سىز مومىڭىزنىڭ پەخرى.» موماي بىلەن ئۆسمۈر شۇنداق پاراڭلاشتى.

  يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېتىپ كەلدى، يۇلتۇزنىڭمۇ يېڭى پىلانى بار بولدى: داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىش، داۋاملىق جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگىنىش، داۋاملىق جاڭ موماينىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش...
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ