شىنجاڭنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككىنى ئازايتىش» دېيىلىدۇ)، مەكتەپ تاپشۇرۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ نازارىتى ۋە جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى، پوچتا ساندۇقى رەسمىي ئېلان قىلىندى.
9- ئاينىڭ 6- كۈنى، مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ «ئىككىنى ئازايتىش» خىزمىتىنى نازارەت قىلىش سەلبىي تىزىملىك ھەرىكىتىنى قارشى ئالىمىز، پائال تۈردە كونكرېت دەلىل - ئىسپات، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، «ئىككىنى ئازايتىش» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز.
پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: خىزمەت كۈنى 10:00-14:00، 16:00-20:00؛ باشقا يوللار پۈتۈن كۈن 24 سائەت ئوچۇق.
قوشۇمچە جەدۋەل:
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ