مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى: بۇ 12 ئالدامچىلىققا چېتىشلىق APPنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېتىڭ

2021.09.01 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى دېيىلىدۇ) يېقىندا دېلو ئارقىلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 12 APP نى رەتلەپ تاللاپ چىقىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشىنى ھەمدە ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئالدامچىلىققا چېتىشلىق بۇ APP لەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا: شيېچېڭ تېز سۈرئەت نۇسخىسى، تاۋخۇادا ئۇچرىشىش، كارخانا ئالاقىسى، كۈەيشياڭباۋ، خەلقئارالىق يۇقىرى تېخنىكا، بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى، يۆبا، ئۆيباقار ئەرلەرنىڭ مەخپىيىتى، ۋاڭجې جۇڭشىن ئاممىۋى پاراۋانلىقى، ئۆيباقار ئەر-ئايال، كىچىك چەمبەر، يى خۇي 3.0 دىن ئىبارەت.

  شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شەھەر ئاھالىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ناتونۇش ئۈندىدار توپىغا كىرىپ APP نى چۈشۈرۈپ مەدھىيەلەش، ھېسابات قىلىشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق؛ ئومۇمەن توردا قەرز ئېلىش رەسمىيەت ھەققى، مەبلەغ تەكشۈرۈش ھەققى، كاپالەت پۇلى ئالغاندا، ئالدى بىلەن پۇل ئۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق؛ ئومۇمەن ناتونۇش كىشىلەر ئىچكى ئەھۋال، يول بار، تۆۋەن سېلىنما، يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش، لاتارىيە دەپ جار سالسا ھەممىسى ئالدامچىلىق.

  ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالغان ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇققاندا، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىش، دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش ياكى شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى:7654321-0991 غاتېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ