مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %35تىن ئاشتى

2021.08.31 15:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

  مۇخبىرنىڭ ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز زىرائەتلەرگە قارىتا يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر بولغان كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %35تىن ئېشىپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %40تىن كۆپرەككە يېتىپ، زىرائەتلەرنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق زىرائەتلەرنى چۆرىدەپ، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش بىلەن يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرغان. يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خىمىيەسىز ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسى سىستېمىسىغا بىرىكتۈرۈپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، رايون ئالاھىدىلىكى ۋە زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇشقا باب كېلىدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىدىغان، ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال قوللىنىشچان تېخنىكا ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۈركۈم كەسپلەشكەن بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش بىلەن يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يۇغۇرۇلغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى قۇرۇلۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرە يېتەكلىنىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ نۆل ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى جايلاردىكى ئۆسۈملۈك ئاسراش تارماقلىرى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ زىيىنىنى تىزگىنلەش، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش قاتارلىق تۈرلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن جەمئىي 483نى قۇرغان، يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمى 2 مىليون 700 مىڭ مو، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش كۆلىمى 12 مىليون 800 مىڭ مو بولغان. تۈرتكە بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھەرقايسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىدا زىرائەتلەردىكى ئاساسلىق كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئۈنۈملىك ئالدى ئېلىنغان، تىزگىنلىگەن، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلغان بولۇپ، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ كۆرۈلۈش دەرىجىسى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلىپ، ئېتىز ئېكولوگىيەسى كىچىك مۇھىتى ئۆزگەرتىلىپ، كۈشەندىلەرنىڭ تۈرى ۋە سانى كۆپەيتىلىپ، ئېتىزلارنىڭ زىيانداشلارنى تىزگىنلەش تەبىئىي ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلگەن. ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يەتكەن، دورا ئىشلىتىش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە ئازايتىلغان، خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارى %30تىن كۆپرەك ئازايتىلغان بولۇپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.

  يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى سىجىل ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆسۈملۈك ئاسراشنىڭ كەسىپلەشكەن مۇلازىمىتىنىڭ تەشكىللىك، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىرائەتلەردىكى ئېغىر، زور كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ كەسىپلەشكەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كەسىپلەشكەن بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي سانى 1197گە يېتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسىدىن 42 مىڭدىن ئارتۇققا ئىگە بولۇپ، كەسىپكارلار 9000غا يېقىنلىشىپ، كۈندىلىك مەشغۇلات ئىقتىدارى 4 مىليون 800 مىڭ مو قېتىمدىن ئاشتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز زىرائەتلەرگە قارىتا كەسىپلەشكەن بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا زەھىرى كۈچلۈك، قالدۇقى كۆپ دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى توسۇپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى ۋە دورىلاش قېتىم سانىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى خاتا ئىشلىتىش، قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دورا زىيىنى ۋە مۇھىت ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىپ، زىرائەتلەردىكى ئېغىر، زور كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ