مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سېتىۋېلىش سودا بازارلىرى مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىش - سېتىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى

− باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش توغرىسىدىكى چاتما خەۋەر (1)

2021.08.31 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پەيزاۋات ناھىيەسىدە 260 مىڭ مو يەردىكى پەيزاۋات قوغۇنى 7 - ئايدا ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ پەيزاۋات قوغۇنى سودا مەركىزى − شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ مېۋە - چېۋە (پەيزاۋات) توپ سېتىش سودا بازىرىدا پەيزاۋات قوغۇنىنى ساتىدىغان قوغۇنچى دېھقانلار، سېتىۋالىدىغان مېھمان سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ھەر كۈنى 100دىن ئارتۇق يۈك ئاپتوموبىلى بۇ يەردىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

  «7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پەيزاۋات قوغۇنى سېتىش يۇقىرى پەللىسىگە كىردى، بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 230دىن ئارتۇق دائىم تۇرۇشلۇق مېھمان سودىگەر ھەر كۈنى 1500 توننىدىن ئارتۇق قوغۇننى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ماڭدۇرىدۇ. 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭ مېۋە - چېۋە (پەيزاۋات) توپ سېتىش سودا بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل پۈتۈن ناھىيەنىڭ پەيزاۋات قوغۇنى ئومۇمىي ھوسۇلى 500 مىڭ توننىغا يەتتى، ھازىرغىچە بۇ سودا مەركىزىدە 180 مىڭ توننا پەيزاۋات قوغۇنى سېتىلىپ بولدى.

  شىنجاڭ مېۋە - چېۋە (پەيزاۋات) توپ سېتىش سودا بازىرى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرغان 24 مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىش سودا بازىرىنىڭ بىرى. 2018 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش، شىنجاڭ سىرتىدا سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ ئىچىدە بىرقەدەر چوڭ بولغان مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىش سودا بازىرىدىن جەمئىي 24نى قۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى مۇۋاپىق، قۇرۇلمىسى پۇختا بولغان شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مېۋە - چېۋىنىڭ سېتىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئەتىگەندىلا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غولتوغراق بازىرى سېرىقتوغراق كەنتىدىكى دېھقان قادىرجان ئابلەت شىنجاڭ مېۋە - چېۋە (پەيزاۋات) توپ سېتىش سودا بازىرىغا كەلدى. «بۇ يىل قوغۇننىڭ باھاسى ياخشى بولدى، بۈگۈن مەن 1800 كىلوگىرام قوغۇننى شاڭخەيدىكى سودىگەرلەرگە ساتتىم. مۆلچەرىمچە، 20 مو يەردىكى قوغۇننى 95 مىڭ يۈەنگە ساتالايمەن، كېلەر يىلى مەن يەنە 30 مو يەرگە قوغۇن تېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىمەن.» گەپ ئارىلىقىدا ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.

  شىنجاڭ مېۋە - چېۋە (پەيزاۋات) توپ سېتىش سودا بازىرىغا جەمئىي 210 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 2019 - يىلى 6 - ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، تۈرلۈك سودا مۇلازىمەت ئىقتىدارى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرى، راسچوت مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق بەش مەخسۇس رايون تەسىس قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە 20دىن ئارتۇق ئەشيا ئوبوروتى، قەغەز يەشىك، كۆپۈكسىمان تور زاۋۇتى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى 3000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  دۆلەت ئىچى بازىرىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرغان مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىش سودا بازارلىرى يەنە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى بازارلارنى ئېچىشقا ياردەم بەردى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قاغىلىق ياڭاق سودا مەركىزى قاغىلىق ياڭىقىنىڭ خەلقئارا سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىشقا كۈچ قوشتى.

  قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى 580 مىڭ مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئىچىدە ياڭاقتىن قىلىنغان كىرىم %30تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى، ياڭاق كەسپى قاغىلىقنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسلىق كەسىپكە، خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندى. شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قاغىلىق ياڭاق سودا مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى فېي شىڭخۇا مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، قاغىلىق ياڭاق سودا مەركىزى تاماملىغان ياڭاق سودىسى مىقدارى 23 مىڭ 400 توننا بولۇپ، سودا سوممىسى 230 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  ھازىرغا قەدەر، قاغىلىق ياڭاق سودا مەركىزىنىڭ ياڭاق زاكاز مىقدارى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %20 ئاشتى، چەت ئەلنىڭ زاكاز تالونى سودا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تۈركىيە، رۇسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى. سېتىش بازىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شۇ جاينىڭ ياڭاق سودا مىقدارى، باھاسى مۇقىم ئۆستى. ياڭاق باھاسى 2018 - يىلىدىكى ھەر كىلوگىرامى 7.5 يۈەندىن 8.5 يۈەنگىچە بولۇشتىن، نۆۋەتتىكى 12 يۈەنگە ئۆستى.

  «ئىلگىرى ياڭاق ساتقاندا، ھەمىشە باھانىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ياكى خېرىدار تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەيتتۇق، ھازىر خېرىدارلار بىلەن يۈزتۇرا كېڭىشەلەيدىغان بولدۇق، باھاسىمۇ ئېنىق» دېدى قاغىلىق ناھىيەسى چارباغ بازىرى دۆڭچاقار كەنتىدىكى دېھقان ئەمەت غوجامنىياز مەمنۇن بولغان ھالدا.

  ياڭاق ياخشى سېتىلىدىغان بولدى، خېرىدارلارنىڭ ياڭاق سۈپىتىگە بولغان تەلىپى تېخىمۇ ئۆستى. ياڭاق كەسپىنى سان تىپىدىن سۈپەت تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قاغىلىق ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىقاردى، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلىپىگە بولغان ئارزۇسى بارغانسېرى تەخىرسىز بولماقتا. بۇ يىل پۈتۈن ناھىيەدىكى ياڭاق دەرىخىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىغا ئەلا سورت ئۇلانغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ياڭاق يەككە دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى، مېۋە شەكلى ھەم سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  2018 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خوتەن، ئاقسۇ، ئونسۇ، پەيزاۋات، قاغىلىق، پىچان ۋە چاقىلىق قاتارلىق ئاساسلىق باغ - ئورمان ئىشلەپچىقىرىش ناھىيە، شەھەرلىرىنى تور نۇقتىسى قىلغان 11 مېۋە - چېۋە سودا بازىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، بازا، پىششىقلاش، سودا، سوغۇق زەنجىرسىمان ئامبار، ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، توشۇشتىن تېرمىنالدا سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى توپلاشقان تەرەققىيات سۇپىسى بەرپا قىلغان بولۇپ، يىلدا سېتىۋالغان - ساتقان، سودىلاشقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆلىمى 5 مىليون توننىغا يەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارمۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان جايدىكى سودا بازىرى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چىرا، تۇرپان، جىڭ، كورلا، چاقىلىق، توقسۇ قاتارلىق جايلاردا ياڭاق، چىلان، ئالما، ئۈزۈم، نەشپۈت قاتارلىق مېۋە - چېۋە كەسپى بازىرىدىن 13نى قۇرۇپ، 1500دىن ئارتۇق سودىگەرنى جەلپ قىلغان بولۇپ، يىللىق سودا مىقدارى 480 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى، سودا سوممىسى 4 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلاردىكى سودا بازارلىرى يەنە بىر تۈركۈم باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، بازارنى چۈشىنىدىغان، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ۋاسىتىچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، باغۋەنلەر بىلەن بازار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بەرپا قىلدى.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا سودا بازارلىرىنى ئاساسىي رامكا، يېزا - بازار، كەنت بازارلىرىنى تۈگۈن قىلغان، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق كەڭ باغۋەنلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى شەكىللەندى. كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، سودا بازارلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى باغۋەنلەر جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ