مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

2021.08.31 10:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا ۋە خېبىي چېڭدېدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا ۋە خېبېي چېڭدېدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، ھازىر پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ كۈچلۈك سىياسىيۋىلىكى، ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھى ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ بۇ جەۋھىرىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى جۇڭگوچە توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى ۋە رېئال قاراتمىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا تونۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «تۇتقا»سى قىلىپ، ئورتاقلىق بىلەن پەرقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بىلەن ھەرقايسى مىللەت ئېڭىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ماددىي تەرەپ بىلەن مەنىۋى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش كېرەك؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، رايونلاشتۇرۇش ۋە دەل جايىدا بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك؛ مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى سىجىل تازىلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر خىزمىتى ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى كۈچىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېبېي چېڭدېدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق، مۇزلۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، مىللەت روھىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى يىفېي، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ