مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى ئۇزارتىلدى بازار تېخىمۇ كېڭەيدى

− باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش توغرىسىدىكى چاتما خەۋەر (2)

2021.08.31 10:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھەر خىل باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ - كىچىك مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبارلىرىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش مېۋە - چېۋە ساھەسىنى زورايتىدىغان، كۈچەيتىدىغان مۇھىم ھالقا بولۇپ، زاپاس ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئارقىلىق، يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنىڭ سېسىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ ھەم مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى مەركىزىي شەھەرلەردىكى بازارلاردىن يىراق بولغان شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مېۋە - چېۋىلەرنىڭ سېتىلىشى تەس بولۇشىنى ھەل قىلىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ھازىر، يەكەن ناھىيەسىدىكى 56 مىڭ مو يەردىكى شىنمېي ئارقا - ئارقىدىن پېشىپ بازارغا سېلىندى. باغلاردا باغۋەنلەر شىنمېي ئۈزۈش، دەرىجىگە ئايرىش، يەشىكلەرگە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى بازارلارغا يەتكۈزمەكتە.

  يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئالامەت بازىرى سۆگەتلىك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت توقسۇن ئائىلىسىنىڭ ئالتە مو يېرىدىكى شىنمېيغا قاراپ قەۋەتلا خۇش بولدى. «بۇ يىل شىنمېي ناھايىتى ياخشى مېۋە بەردى، تەمىمۇ ياخشى، باھاسىمۇ بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولۇپ، بىر كىلوگىرامى 18 يۈەن ئەتراپىدا بولدى» دېدى ئۇ.

  نۇرمەمەت توقسۇننى خۇش قىلغىنى شىنمېينىڭ ياخشى باھادا سېتىلىشىدىن باشقا، يەنە كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى، مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىنىڭ ياسىلىشى بولدى. «ئۆستۈرۈش جەريانىدا مەخسۇس خادىم يېتەكچىلىك قىلدى، شىنمېي پىشقاندىن كېيىن سېتىۋالىدىغانلار بار، ساتالماسلىقتىن قىلچە غەم قىلمايمىز، بىر مو يەردىن 7000 - 8000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى نۇرمەمەت توقسۇن.

  سۆگەتلىك كەنتىدىكى سىغىمچانلىقى 1500 توننا بولغان بىر مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىدا، يەكەن ناھىيەلىك دونۇڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزاسى كەنت ئاھالىلىرىنى ئۈزۈلگەن شىنمېيلارنى يەشىكلەرگە قاچىلاپ، يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىغا ئېلىپ كىرىپ ئالدىن سوۋۇتۇپ، ئارقىدىن سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلاپ شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ماڭدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  «مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، ئۇ بولمىسا، شىنمېي ئىككى كۈندىلا يۇمشاپ كېتىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارغا توشۇشقا ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. ھالبۇكى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىدا ئالدىن سوۋۇتۇش ۋە پۈتۈن سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش ئارقىلىق، شىنمېينىڭ يېڭى پېتى ساقلىنىش مۇددىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 70 كۈنگە ئۇزارتىلىپ، سېتىش بوشلۇقى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلدى.» يەكەن ناھىيەسى دونۇڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكا باشقۇرۇش باش مەسئۇلى سۈن كۇنمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7 - ئايدىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش شەكلى ئارقىلىق، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارغا 3000 توننا شىنمېي ساتتى.

  يېقىندا يوپۇغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئەنجۈر ئۈزۈش بايرىمىدا، شىنجاڭ سېنرۇي ياجۇڭ يېڭى پېتى ساقلاش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى گۇاڭشىدىكى بىر كارخانا بىلەن 100 توننىلىق ئەنجۈر زاكاز قىلىش كېلىشىمى ئىمىزالىدى.

  شىنجاڭ سېنرۇي ياجۇڭ يېڭى پېتى ساقلاش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەنجۈر شىنجاڭدا ئۇزاق يىللىق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇزاقتىن بۇيان، ئەنجۈرنى يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى قىسقا بولغاچقا، سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان بولسىمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەنجۈرلىرى ئەڭ يىراق بولغاندا ئۈرۈمچىگىچە سېتىلغان، شۇڭا ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش تەس بولغان.

  ئەنجۈرنى يېڭى پېتى ساقلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ سېنرۇي ياجۇڭ يېڭى پېتى ساقلاش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئېلېكتىر مەيدانى+ھاۋا تەڭشەش بىرىكمە يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ئالدىن سوۋۇتۇش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، ھاۋا ئالمىشىش نىسبىتىنى تەڭشەش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، ئەنجۈرنى يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتىنى ئىككى كۈندىن 25 كۈنگە ئۇزارتتى.

  «ئەنجۈر بىر قەدەر ئالاھىدە مېۋىگە تەۋە بولۇپ، ئادەتتىكى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىدىمۇ يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى بەش كۈن بولىدۇ، ھالبۇكى جەنۇبىي شىنجاڭدىن سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق شىنجاڭ سىرتىدىكى شەھەرلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەش - ئالتە كۈن كېتىدۇ، كەينىدە يەنە بۆلۈپ سېتىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلار بولغاچقا، ئەنئەنىۋى يېڭى پېتى ساقلاش ئەنجۈرنىڭ توشۇلۇش تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ.» ۋاڭ شىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىركىتىمىز ئاچقان يېڭى تېخنىكا نۇرغۇن مېھمان سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بازار ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى، كېيىنكى قەدەمدە شىركىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مېۋىنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئەنجۈر ئۆستۈرۈش كۆلىمى 70 مىڭ موغا يەتكەن. كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، شۇ جاي ئەنجۈرنى يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئەنجۈر ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۆلچەملەشكەن ئۆستۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىلغاش، پۈتۈن سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن زامانىۋى كەسىپنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن.

  جاۋ يوڭ قۇتۇبى ناھىيەسى خۇينۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى پېتى ساقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا قۇتۇبى ناھىيەسى بويىچە مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ساھەسىگە تۇنجى بولۇپ كىرگەن كىشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ساھەسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلىكى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيگەنلىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى. «20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن ئۆز رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ ئۆز رايونىدا سېتىلاتتى. 1998 - يىلى، مەن مىكرو تىپلىق ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يېڭى پېتى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزۈپ، ئائىلىۋى يېڭى پېتى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى سالدىم، ئامبارنىڭ سىغىمچانلىقى 90 كۇب مېتىرغا يېتەتتى.» جاۋ يوڭنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يىلى ئۇ سوغۇق ساقلاش ئامبىرىدا 10 توننا جۈفېڭ ئۈزۈمىنى زاپاس ساقلاشنى سىناق قىلىپ، ئۈزۈمنىڭ يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چاغاننىڭ ئالدى - كەينىگىچە ئۇزارتىپتۇ، بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا سېتىلىپ تۈگەپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىپتۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى پېتى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى قۇرۇشقا سالغان دەسمايىنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماي، يەنە 20 مىڭ يۈەن پايدا ئاپتۇ.

  نەچچە ئون يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە، قۇتۇبى ناھىيەسى خۇينۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى پېتى ساقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپى سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي ئامبار سىغىمچانلىقى 80 مىڭ توننىغا يەتتى، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى سوغۇق ساقلاش ئامبىرىدىن 220سى بار بولدى، يىلىغا تۈرلۈك مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاش، ئالدىن سوۋۇتۇش، زاپاس ساقلاپ توشۇش، سودىلىشىش مىقدارى 100 مىڭ توننىغا يەتتى.

  شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، 2018 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا بىرقەدەر چوڭ بولغان مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىش سودا بازىرىدىن جەمئىي 24ى قۇرۇلۇپ، ھەممىسىگە زامانىۋىلاشقان سوغۇق ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپ، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ھەم يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈپ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ۋاقتىدا يىغىۋېلىنىشى، ئالدىن سوۋۇتۇلۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.

  مېۋە - چېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا سېتىلغان مېۋە - چېۋىلەر 6 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، يىللىق مېۋە - چېۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %80ىنى ئىگىلىگەن. بۇ، شىنجاڭدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %80تىن ئارتۇق باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ سىرتىغا سېتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ