مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

7- ئايدا شىنجاڭدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 89 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2021.08.30 13:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021- يىلى 7- ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 89 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 94 كىشىگە تەنقىد - تەربىيە بېرىلدى، ياردەم بېرىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 43 ى، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسىدىن 46 سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ 86 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىكى بىر، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىكى بەش، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىكى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىكى 80.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 89 مەسىلىدىن قارىغاندا، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زېممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش، يالغان ئىش قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 34 ى بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى ئومۇمىي ساننىڭ %79ىنى ئىگىلىدى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىش - بېرىش مەسىلىسى ۋە باشقا سوۋغاتلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسى ئومۇمىي ساننىڭ %26.1، %23.9 ىنى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ