مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى توغرىسىدا پىكىر ئېلىش خىزمىتىنى تاماملىدى

2021.08.30 13:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىغا پىكىر ئېلىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن ئېتىبارەن ئاپتونوم رايون بىرقانچە مەيدان پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، ئاياللار ۋەكىللىرى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنى، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ۋەكىللەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى توغرىسىدا پىكىر ـ تەكلىپ ئالدى.

  پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دېدى: قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر بولۇپ، نۆۋەتتىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمۈر، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى، ئەمگەك كۈچى قۇرۇلمىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئوبيېكتىپ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. «كىچىك قەدەمدە تەڭشەش، جانلىق يولغا قويۇش، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنىڭ رېئال دۆلەت ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن، ئوخشاش بولمىغان توپنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى نامايان قىلدى. پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى زۆرۈر، شۇڭا بالدۇر تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش رېتىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىكى خادىملار قاتارلىقلاردا ساقلانغان رېئال پەرقلەرنى تولۇق ئويلىشىپ، سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق يانداش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، يېشى چوڭ ئەمگەكچىلەرگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىنى ئېچىش ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ماھارەت تەربىيەسى قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇقىم ئەمەلىيلىشىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىش يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىز ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى رەتلەپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس يوللاپ، دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشى ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ