مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كەنتلەر قوشماقلىشىش» ئارقىلىق كەسىپلەرنى تەڭ گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى

2021.08.30 10:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خۇنەن:

  «كەنتلەر قوشماقلىشىش» ئارقىلىق كەسىپلەرنى تەڭ گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى

  «خۇنەندىكى <قوشماقلاشقان كەنت>تىن كەلگەن كەپتەر بېقىش تېخنىكى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، مەندە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئوي پەيدا بولۇپ، نەسىلنى ئەلالاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم.» 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كەپتەر كاتىكىدىكى «گۇك، گۇك»لاپ تۇرغان كەپتەرلەرگە قاراپ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن رەخىمتۇلنىڭ كۆزلىرى ئۈمىدكە تولغانىدى.

  تۇرسۇن تىلغا ئالغان «قوشماقلاشقان كەنت» خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇايۈەن ناھىيەسى شۇاڭلۇڭ بازىرىنىڭ شىبادۇڭ كەنتى ئىدى. 2020 - يىلى 9 - ئايدا، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى بىلەن شىبادۇڭ كەنتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ يىل 7 - ئايدا، شىبادۇڭ كەنتىدىكى كەپتەر بېقىش تېخنىكلىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىگە كېلىپ، باقىدىغان نەسىل ۋە بېقىش تېخنىكىسى توغرىسىدا كەنتتىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يولغا قويغىلى بولىدىغان پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى.

  «كەنتلەر قوشماقلاشقان»دىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى مۇيبۇللا رۇسۇلنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. «كەنتىمىزدىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ نانلىرى شىبادۇڭ كەنتى تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ <شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش> يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پوكىيىگە تىزىلدى. مەن ھەربىر ناننى ياخشى يېقىپ، قوشماقلاشقان كەنتنى بىزنىڭ مەززىلىك تائاملىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە تونۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى مۇيبۇللا ئىپتىخارلانغان ھالدا.

  بۇ يىل، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جياسۈن خۇنەن ئۆلكىسىدىكى قوشماقلاشقان كەنتكە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئۆگەندى. نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇ پەرقنى ھېس قىلىپ يەتتى، شۇنداقلا يەنە تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە يۆنىلىشىنى تاپتى. «بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئىككى جاينىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، بايلىق، ئىختىساسلىقلار، ئىدىيە، تېخنىكا قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى نەتىجىلەردىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز قوشماقلاشقان كەنت بىلەن قەرەللىك ھالدا سىنلىق توردا ئالاقىلىشىپ، سۆھبەت يىغىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، كادىر، ئىختىساسلىقلارنى ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئۆزئارا ئەۋەتىش ئارقىلىق، ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى چېن جياسۈن.

  شەھەر بىلەن شەھەر ئۇدۇللىشىش، كەنت بىلەن كەنت قول تۇتۇشۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بەرپا قىلغان يېڭىچە «خۇنەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسى». بۇلتۇردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى قاتارلىق كەنت (ليەندۈي)لەر، ئايرىم - ئايرىم ھالدا خۇنەن ئۆلكىسى شاۋشەن شەھىرىنىڭ شاۋشەن يېزىسى شاۋشەن كەنتى، خۇايۈەن ناھىيەسى شۇاڭلۇڭ بازىرى شىبادۇڭ كەنتى، رۇچېڭ ناھىيەسى ۋېنمىڭ ياۋزۇ يېزىسى شاجۇۋ ياۋزۇ كەنتى، ليۇياڭ شەھىرى بېيشېڭ بازىرى ماجەن كەنتى قاتارلىق ئۆزگىچە كەنتلەر بىلەن قوشماقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

  «كەنتلەر قوشماقلاشقان»دىن باشقا، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى خۇنەن ئۆلكىسىدىكى 100دىن كەم بولمىغان كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە خۇنەن ئۆلكىسىدىكى 100 دۆلەت كارخانىسى، پۇقراۋى كارخانا ھەمدە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى كارخانىلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش كارخانىلىرىنى كېلىشىم ئىمزالاپ قوشماقلىشىش، ئالاقىلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، تۇرپان شەھىرىدىكى 100 كەنت بىلەن مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئالاقىلىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ ۋە سىڭىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا كۈچ قوشۇشقا تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىپ، خۇنەن - تۇرپان ئىككى جاينىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈلگىسى»نى ئورتاق بەرپا قىلدى.

  تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ليۇ جۇڭجيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خۇنەن ئۆلكىسى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، كەنتلەر قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان كەنتلەرنىڭ «ئېھتىياجى» بىلەن خۇنەن ئۆلكىسىدىكى قوشماقلاشقان كەنتلەرنىڭ «ئىقتىدارى»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىش مەزمۇنىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، ئىككى جاينىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىش، كەسىپلەرنى تەڭ گۈللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەزالىرى، زاپاس كادىرلارنىڭ قوشماقلاشقان كەنتلەرگە بېرىپ ئەگىشىپ ئۆگىنىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى جايدىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ