مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«يېشىل رەڭ» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندى

2021.08.30 10:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېشىل كەسىپلەرگە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ يېشىل كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىدىكى مۇھىم بىر قەدىمى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا يېشىل باغچە رايونىدىن سەككىزى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى. «يېشىل رەڭ» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت باغچە رايونلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندى.

  8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئالتە كىۋادرات مېتىرلىق بىر ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا تۈرلۈك مۇھىت قوغداش كۆرسەتكۈچلىرى ئەمەلىي ۋاقىت بويىچە كۆرسىتىلىپ تۇرۇۋاتاتتى. زاۋۇت رايونى ئىچىدە، كەڭ كەتكەن يېشىل ئۆسۈملۈكلەر سېخلارنى ئوراپ تۇراتتى، كۆك ئاسمان ئاستىدا ئىناقلىققا تولغان بىر ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى شەكىللەنگەنىدى.

  مۇھىت قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات پىرىنسىپى بويىچە، يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ، يېقىلغۇ گازنى يىغىۋېلىش، پارلاندۇرۇپ كوندېنساتسىيەلەنگەن سۇيۇقلۇقنى يىغىۋېلىش قاتارلىق 20دىن ئارتۇق نۇقتىلىق مۇھىت قوغداش - تۈزەش تۈرىنى يولغا قويدى.

  «ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز سۇ تېجەش، توك تېجەش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر يىلى كارخانا ئۈچۈن 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ تېجەپ بەردۇق.» يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى چى جاۋكۇن مۇنداق دېدى: « 14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىركىتىمىز دۆلەتنىڭ «قوش تىزگىنلەش» نىشانىنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ بىر تۈركۈم يېڭى ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، كارخانىنىڭ يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ئاساسىي بازىسى ھەم ئۈرۈمچىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر بازىسى ۋە ئىلغار قۇرۇلما ماتېرىيالى كەسىپلەر توپى تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق يۈكلىمە رايونى. باغچە رايونى قۇرۇلۇش داۋامىدا «ئۈچ يۇقىرى» كارخانىلارنىڭ باغچە رايونىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ ھەم كارخانىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئومۇمىي مىقدارىنى تۆۋەنلەتتى.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)نىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.76 تۆۋەنلىدى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.47 تۆۋەنلىدى.

  «يېشىل باغچە رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ تالالىق كاربون تالاسى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاروماتىك تالا يېڭى ماتېرىيالى، ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ باتارېيەسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ئارقا - ئارقىدىن جەلپ قىلىپ كىرگۈزدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاشۇرما مىقدارلىق توك تەقسىملەش تورى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق.» ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بېي مۇنداق تونۇشتۇردى: باغچە رايونى يەنە كۆمۈر ئىشلىتىشنى ئازايتىش ۋە ئورنىغا باشقىنى ئىشلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، باغچە رايونىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ئومۇمىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ زىلولەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى 2020 - يىلى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ 5 - تۈركۈمدىكى يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىدە باشقۇرۇلىدىغان كارخانا قىلىپ بېكىتىلدى. نۆۋەتتە، شىركەت تەمىنلەش تېرمىنالى، ئەشيا ئوبوروتى تېرمىنالى، ئىستېمال تېرمىنالى، يىغىۋېلىش تېرمىنالى قاتارلىق يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يېپىق ھالەتتىكى ئايلانما زەنجىرىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) «ئىقتىسادىي ھېسابات»نى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، «ئېكولوگىيە ھېساباتى»نى ياخشى قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەر بايلىقىنىڭ ھاسىلات نىسبىتى ھەر كىۋادرات كىلومېتىرى 2 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇشتىن ھەر كىۋادرات كىلومېتىرى 3 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە ئۆستى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېنېرگىيەنىڭ ھاسىلات نىسبىتى 1.74بولۇشتىن 3.15كە ئۆرلىدى؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى 13كە يېتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېشىل كەسىپلەر كۈنسېرى زورايدى. «بىز ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئۆگزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرىنى ئېچىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، <ئېشىش مىقدارى>نى قاتتىق كونترول قىلىپ، <ئېنېرگىيە تېجەش>نى ياخشى ئىشلەپ، <كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش>نى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىڭ جىجۈن.

  «14 - بەش يىل»مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى سانائەت باغچە رايونلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زورايتىش ئارقىلىق، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن كاربونلۇق، كۆپ مەنبەلىك سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت، ئۈنۈم، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ