مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2021.08.30 10:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەمەلىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى يەكۈنى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر (ئىدارە باشلىقى) مەخمۇت ئوسمان مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى لى يەنرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ، جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، 12 يىل ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان سالىقجان ئىمىن مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن، مەن ئۆمۈر بويى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم ئىدىيە سېپىلىنى بەرپا قىلىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، بۇ، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىيازنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى. «تىل كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، تىل تۇتاشسا، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. مەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مائارىپ ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرىمەن».

  تەرەققىيات مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ باش ئاچقۇچى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن زوۋفېڭ مۇنداق دېدى: بىز گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەكىلنى بېيىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى، ئۇ، شىنجاڭ تارىخىنى توغرا شەرھلەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا چوڭقۇر ھەم ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.» جىمىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ يەنجېن مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، جىمىسار ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە بەرپا قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى ئارقىلىق شىنجاڭ تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاش، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورنىغا بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.» نىيە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مەمتىمىن بەيدۇللا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا، بىز قەتئىي تۈردە باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار تەڭ كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ