مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

2021.08.27 14:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

  سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

  مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولغان نازارەتچىلىك - ھەيدەكچىلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئىنچىكە تۇتۇلۇشى، ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تۇتقا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىچىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى كۈچەيتىش؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقىي نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا، 19 سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋە بىر سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى نەق مەيداندا سۆز قىلدى ۋە يازما پىكىر ئالماشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ