مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​ئاپتونوم رايونىمىز پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش مەخسۇس تۈر پىلانىنى يولغا قويدى

2021.08.27 14:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش

  ​ئاپتونوم رايونىمىز پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش مەخسۇس تۈر پىلانىنى يولغا قويدى

  مۇخبىر جاۋ مىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز پاتېنت نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىتتا 300 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىغا نەپ يەتكۈزۈپ، تىجارەت كىرىمى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ ئېشىشىنى %10تىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان؛ پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى 1 مىليارد 160 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %20تىن ئېشىپ، پاتېنتنى رەنىگە قويۇش تۈر سانى 50تىن ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %20تىن ئاشقان.

  «شىنجاڭنىڭ پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش مەخسۇس تۈر پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) يېقىندا ئېلان قىلىندى. «لايىھە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پاتېنت مەھسۇلاتلىرىنى ئەنگە ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ماس تەرەققىياتى كۈچەيتىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئايرىپ چىقىش كېڭەيتىلىپ، پاتېنت تېخنىكىسىنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلىدۇ.

  «لايىھە»دە يەنە 16 تۈرلۈك يىللىق نىشان بېكىتىلىپ، پاتېنت تېخنىكىسى بويىچە تەمىنلەش يوللىرىنى كېڭەيتىش، پاتېنت تېخنىكىسى بويىچە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يانداش سىياسەتلەر ۋە مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپە - تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۈچ يىل ۋاقىتتا ئاپتونوم رايوننىڭ پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش تېخىمۇ راۋان، ئايلاندۇرۇپ يولغا قويۇش تېخىمۇ تولۇق، خىزمەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىنىپ، پاتېنت تېخنىكىسىنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىقلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى روشەن ئۆستۈرۈلۈپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ زورايتىلىدۇ.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار سۇبيېكتلارنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشى، ئىجازەت بېرىشى، باھا قويۇپ پاي قوشۇشىنى قوبۇل قىلغان پاتېنت سانى 300دىن ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %70تىن ئېشىشى مۇمكىن؛ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پاتېنت مەھسۇلاتلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش مىقدارى 600دىن ئېشىپ، ئەنگە ئېلىنغان پاتېنت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش نىسبىتى %95تىن ئاشىدۇ؛ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرىنىڭ پاتېنتنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش، باھا قويۇپ پاي قوشۇش پاتېنت سانى 300دىن ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %50تىن ئاشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ