مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى

2021.08.27 14:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر قاتار يېشىل ياسىمىچىلىق ئۆرنەك ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى

  مۇخبىر جېڭ جونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن 120نى يېتىلدۈرگەن، يېشىل باغچە رايونىدىن سەككىزنى قۇرغان، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىدىن يەتتىنى بەرپا قىلغان، ئاپتونوم رايون بويىچە يېشىل مەھسۇلاتتىن 29 خىلنى ئاچقان، ئايلانما ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇندىن 21نى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنغان.

  يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى يېشىل زاۋۇت، يېشىل لايىھەلەش مەھسۇلاتى، يېشىل باغچە رايونى ۋە يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار يانداش ئاپپاراتلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ساھەسىدىكى ئەنئەنىۋى سانائەتنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى مۇھىم نۇقتا، يېشىل پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىرەك قىلىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ دۆلەت مەبلىغىدىن جەمئىي 240 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، 14 يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش تۈرى ۋە يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىدىكى ئىككى تەمىنلىگۈچىنى قوللىدى، يىلىغا تېجەلگەن ئېنېرگىيە مىقدارى 813 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر، تېجەلگەن سۇ مىقدارى 13 مىليون 748 مىڭ 600 كۇب مېتىر بولۇپ، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىلغان قاتتىق تاشلاندۇقلار مىقدارى 4 مىليون 786 مىڭ 300 توننا بولدى، بۇنىڭ بىلەن «خىلور، ئىشقار كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىشتىكى كېرەكسىز سۇنى قويۇپ بەرمەسلىك» «يىمىرىلگەن كۆمۈر خام ئەشياسىدىن يۇقىرى دەرىجىدە ئېرىيدىغان سېرىق چىرىندى كىسلاتالىق ئورگانىك ئوغۇت تەييارلاش» قاتارلىق دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆرنەك ئېلىپ كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر قاتار يېشىل ياسىمىچىلىق تىپىك ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئېنېرگىيە تېجەشنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەخسۇس تۈر بويىچە مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئىككىلەمچى نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان جەمئىي 806 كارخانىنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلدى ھەم ئېنېرگىيە تېجەشنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاكتىپ نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 2020 - يىلى، پولات - تۆمۈر، سېمونت، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن كەسپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈم سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمگە يەتتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

  سۆز ھەممىگە

  «تۆۋەن كاربون» بىر خىل تۇرمۇش پوزىتسىيەسى

  شېن ياپىڭ

  يان تېلېفونغا توك قاچىلىغاندا، باتارېيە تولۇق زەرەتلىنىپ بولغاندا زەرەتلىگۈچنى توكتىن ئاجرىتىۋەتكىنىڭىز ئېسىڭىزدە بارمۇ - يوق؟ تاللا بازاردىن مال سېتىۋالغاندا، بىر چىداشلىق قول سومكىسى تەييارلىۋېلىشقا ئادەتلەندىڭىزمۇ - يوق؟ ياز كۈنلىرىدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا، ھاۋا تەڭشىگۈچ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 26 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇشىدا چىڭ تۇرالىدىڭىزمۇ - يوق... تۇرمۇشتىكى بۇ كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلى يوشۇرۇنغان. يېشىل بولۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، بىر خىل تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈش بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ بىر خىل تۇرمۇش پوزىتسىيەسىگە ئايلىنىپ، ھەربىر كىشىنىڭ ئاڭدىن ھەرىكەتكىچە بولغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەملىكەتلىك تۆۋەن كاربون كۈنى، بۇ يىلقى باش تېما «تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش، يېشىللاشتۇرۇش ئارقىلىق كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش». ئەگەر يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىگە تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات قارىشىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب دېيىلسە، ئۇنداقتا، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇشنى بىر مەيدان روھنى ئويغىتىدىغان ئۆز - ئۆزىنى ئويغىتىش، بىر خىل تۇرمۇش قارىشىدىكى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش دېيىشكە بولىدۇ.

  ياخشى بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئادىل ئاممىۋى مەھسۇلات، ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى. ياخشى بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ناتىق، كەلسە - كەلمەس قول تىقىدىغان تاماشا كۆرگۈچى ھاجەتسىز، بەلكى ھەربىر كىشى ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېجەشلىك بولۇش ئېڭى، مۇھىت قوغداش ئېڭى، ئېكولوگىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىشنى بىر ۋات توكنى ئاز ئىشلىتىش، كۆپرەك پىيادە مېڭىشتىن باشلاپ، ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى كېڭەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا قەدەم بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە موھتاج.

  پوزىتسىيە يۆنىلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. ھەربىر كىشى ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەتكە كېلىپ، «تۆۋەن كاربون»نى بىر خىل پوزىتسىيە، بىر خىل ئىدىيە قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا سىڭدۈرۈپ، تۇرمۇش شەكلىدە يېشىل ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغاندا، چوقۇم چوڭ دۆلەتنىڭ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكىنى، ئاساسىنىڭ تېخىمۇ پۇختىلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  («سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ