مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى سانائەت كارخانىلىرى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ «يېشىللىق تەركىبى»نى ئاشۇردى

2021.08.27 13:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئوۋيې پېچى كونترول ئۆيىدە، تۈرلۈك سانلار ئېكراندا توختىماي چاقناپ تۇراتتى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋۇ بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ مول ھىدروگېن - كاربون ئايلانما دومنا پېچىغا 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ كاربونسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئوۋيې پېچى كۆمۈر گازى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلاندى ھەم %50لىك يۇقىرى ئوكسىگېنلىق مېتال تاۋلاش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، 6 - ئايدا يەر شارىۋى تۇنجى قېتىم كاربونسىزلاشتۇرۇلغان كۆمۈر گازىدىن ئايلانما پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق بۆسۈش بولۇپ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ دومنا پېچتا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كاربوننى ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھۈنەر - سەنئەتنى سىجىل ياخشىلاپ، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، «تېخنىكا تەركىبى»نى ئاشۇرۇش ئارقىلىق «يېشىللىق تەركىبى»نى يۇقىرى كۆتۈرسە، ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېشىل باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ھەرقايسى نۇقتىلىق كارخانىلار يېشىل ياسىمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىش، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە يېڭى بىر يول ئاچتى.

  شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان سېخىدا، ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، تومۇزغا قانىتىدەك نېپىز مېتال ياپراقچىلار ئۈسكۈنىدىن ئاستا - ئاستا چىقىۋاتاتتى، بۇ مېتال ياپراقچىلار تۆۋەنكى ئېقىندىكى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ياساش ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىنىدۇ.

  «شىركەت ئاليومىن ئېلېكتىرولىزلاش كوندېنساتورىغا ئىشلىتىلىدىغان مۇسبەت قۇتۇپ مېتال ياپراقچە مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغاندا، ماشىنا سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تىزگىنلەش شەكلىنى قوللىنىپ، سۈپەت ۋە ھۈنەر - سەنئەت پارامېتىرلىرىدا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش ئاساسىدا، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار سانىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق %40 ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىغا يەتتى». شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت قوغداش باش نازارەتچىسى لى جۈن مۇنداق دېدى: ھۈنەر - سەنئەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مېتال ياپراقچىنىڭ ئىقتىدارى سىجىل ئەلالاشتى، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاشتى، بۇ، تۆۋەنكى ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىلىق.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇھىت قوغداش جەھەتتىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى جەمئىي 600 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش بويىچە زور بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر - سەنئەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، 300گە يېقىن تۈردە پاتېنتقا ئىگە بولغان. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە بىرلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى يىلدىن - يىلغا تۆۋەنلىگەن، ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن.

  دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىشىدا تېخنىكا ئۆزگەرتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۈنەر - سەنئەتنى تەڭشەپ، قۇرۇلمىلار ئارا كىچىك ئايلىنىش، كەسىپلەر ئارا ئوتتۇرا ئايلىنىش، باغچە رايونىدا چوڭ ئايلىنىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز سۇ، داشقالنى باسقۇچقا ئايرىپ ئايلاندۇرۇپ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ شيۇبىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «قۇرۇلمىلار ئارا كىچىك ئايلىنىش» دېگىنىمىز، قۇرۇلمىنىڭ ھاسىلاتى ياكى قوشۇمچە ھاسىلاتىنى كېيىنكى قۇرۇلمىنىڭ مەھسۇلاتى ياكى خام ماتېرىيالى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ «كەسىپلەر ئارا ئوتتۇرا ئايلىنىش» بولسا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينى ئاساس قىلىپ، ئاندىن باشقا سىركونىي ئاساسى، ئورگانىك كىرېمنىينى قوشۇمچە قىلىپ، بايلىقتىن ئۆزئارا ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ؛ باغچە رايونى ئارا ھەرقايسى كارخانىلار بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئېنېرگىيەنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىپ، بۇ ئارقىلىق «باغچە رايونىدا چوڭ ئايلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  «مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئېنېرگىيەنى ئاشۇرماسلىق، قۇرۇلۇشنى كېڭەيتىش ئېنېرگىيەنى كېڭەيتمەسلىك، ئېنېرگىيەنى ئاشۇرۇشتا ئېنېرگىيەنى تېجەشكە تايىنىش» شىنجاڭدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، بايلىق سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىت بۇلغىشى ئاز بولغان يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سانائەتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشى بىلەن سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان زامانىۋى كەسىپ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ