مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈردى چوڭ ئايلىنىشقا سىڭىشتى

2021.08.27 13:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش:

  يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈردى چوڭ ئايلىنىشقا سىڭىشتى

  8 - ئاينىڭ باشلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن مۇنداق خەۋەر تارقالدى: 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 120 مىليون 703 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە 2020 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.90 ئاشتى، 2019 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %8.03 ئاشتى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 93 مىليارد 583 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  شىنجاڭ جۇڭگودىكى ساياھەت بايلىقى ئەڭ مول ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. 2018 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ساياھەتچىلىك كۈنسېرى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ»ىنىڭ بىرى بولۇشتەك كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى نامايان قىلدى.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئىشەنچنى ئاشۇرۇش

  8 - ئاينىڭ بېشىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «3 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەر تىزىملىكى ۋە 1 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق بازار (يېزا)لار تىزىملىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، قابا ناھىيەسىنىڭ تېرەكتى يېزىسى ئاققابا كەنتى قاتارلىق 11 كەنت (ليەن)، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى قاتارلىق ئالتە يېزا - بازار (تۇەن - مەيدان) تاللاندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭدىكى 41 جاي مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللانغان. مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەر شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتى ھەتتا پۈتكۈل ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە ۋە مۇھىم تىرەكنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تىرىشىپ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرماقتا، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت - ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى بارغانسېرى تونۇلدى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 16سى بار بولۇپ، سانى غەربىي قىسىم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئادەم ۋە جانلىقلار چەمبىرىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى ھەمدە دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، گېئولوگىيە باغچىسى، ئورمان باغچىسى، سۇلۇق يەر باغچىسى، قۇملۇق باغچىسى، سۇچىلىق مەنزىرە رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايون، پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىقلار يۇلتۇزدەك چاقناپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى «پىرامىدا چوققىسى»نى شەكىللەندۈردى.

  «ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچ قوشۇش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك، ئۆزگىچە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ.» بۇ يىل 8 - ئايدا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ساياھەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەي شۆفېڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ساياھەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى جاڭ جىنشەن «جۇڭگو ساياھەت گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ شۇنداق بىلدۈردى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ساياھەت بازىرىنىڭ چوڭ ئايلىنىش ئەندىزىسىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي شارائىتنى ھازىرلىدى.

  «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى: 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %38.08 بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %32.89، %32.38، %40.09 ۋە %41.96 بولدى. 2017 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر سانى تۇنجى قېتىم 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 2019 - يىلى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. 2020 - يىلى يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، شىنجاڭ جەمئىي 158 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگودىكى ساياھەت مەنزىلگاھلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەڭ تېز ئاشقان ئالدىنقى 30 شەھەر ئىچىدە، شىنجاڭدىكى شەھەرلەر ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلىگەن. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىدىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلانغان.

  غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىش

  8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خوشۇت ناھىيەسى بىلەن خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن ساياھەت - ئىستىراھەت رايونىدا بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش - باشقۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. «بىز جىنشاتەن ساياھەت - ئىستىراھەت رايونىنى سۈپەتلىك ماركا چاقىرىق كۈچىگە، بازار تەسىر كۈچىگە ئىگە ئۈلگە تۈرىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېدى جۇڭگو ساياھەت شىركىتى شىنجاڭ ساياھەت تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جىن خۇالىن.

  بۇ تۈر جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سالغان تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىمزالىغان «كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەمدەم بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» بويىچە، بۇ گۇرۇھ يەنە ئىلى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ تۈرلىرىگە مەبلەغ سالدى، نۆۋەتتە بۇ تۈرلەر جىددىي ئالغا سىلجىتىلماقتا.

  بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى كۈنسېرى مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان ئېگىزلىككە ئايلاندى. «بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى، خۇاچياۋچېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو ياشلار ساياھەت پاي كونترول پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان تۈر ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جىڭدۇڭ گۇرۇھى، توڭچېڭ گۇرۇھى، ئالادىڭ گۇرۇھى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپلەر تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن تونۇشتۇرۇپ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى كاپىتال بازىرىدا مۇز يېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى − شىنجاڭ شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا سېلىشى، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى سېلىنما ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى تۈرىدىن 115ى يولغا قويۇلدى، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلدى، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، بىرقەدەر كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلدى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى روشەن ئۆستۈرۈلدى.

  «نۆۋەتتە، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى تاڭ ۋېن. شىنجاڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت تۈرىگە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى»نى تۈزۈپ يولغا قويدى، 2019 - يىلى ساياھەتكە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سوممىسى 26 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتتى، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» سۇپىسى ئارقا - ئارقىدىن 2021 - يىلىدىكى مۇھىم، زور مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلىرىگە سودىگەر چاقىرىش تۈرىدىن 300نى ئېلان قىلدى، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 104 مىليارد 208 مىليون يۈەنگە يەتتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارمۇ ئالاھىدە خاسلىققا ۋە مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالىغا ئىگە بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بارغانسېرى كۆپ جەمئىيەت كاپىتالى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە كىرىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدىكى تۈگىمەس «ئېقىن سۇ»غا ئايلاندى.

  يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھالەتلىرى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش

  8 - ئاينىڭ بېشىدا، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان قاراجون مەنزىرە رايونىنىڭ «فېيلادا» قىياغا يامىشىش تۈرىدە سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاندى. بۇ تۈر شىنجاڭدىكى تۇنجى فېيلادا دالىدا قىياغا يامىشىش تۈرى بولۇپ، «قاراجون مەنزىرە رايونى <ساياھەت + تەنتەربىيە>نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە ساياھىتى ئېسىل لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، تەنتەربىيە ساياھىتى ئېسىل مەنزىرە رايونى مەنزىلگاھىغا ئايلىنىدۇ» دېدى تېكەس ناھىيەسى قاراجون خەلقئارا دالا باغچىسى فېيلادا قىياغا يامىشىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ما گوشياڭ.

  تۈۋرۈك كەسىپ مۇقەررەر ھالدا ھاياتىي كۈچى چەكسىز كەسىپ، ھالبۇكى كەسىپنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەل يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە، ئېكولوگىيە ساياھىتى، تارىخىي مەدەنىيەت ساياھىتى، قىزىل ساياھەت، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساياھىتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى، ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەت ساياھىتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىق چوڭقۇر ساياھەت، كىچىك دائىرىلىك ساياھەت تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ چۇنمىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىش ئۈستىدە توختالغاندا سۆز ئۇرانىدىن ھاياجانلانغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى: «بازارنى ئىنچىكە ئايرىغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن كىچىك دائىرىلىك، چوڭقۇر ساياھەت ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك زاكازلاشقان بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسى».

  «ساياھەت + مەدەنىيەت» «ساياھەت + قاتناش» «ساياھەت + تەتقىقات - ئۆگىنىش» «ساياھەت + تەنتەربىيە» «ساياھەت + مېتېئورولوگىيە» «ساياھەت + پۇل مۇئامىلە» «ساياھەت + يېزا - كەنت»، «ساياھەت + سودا»... ھەربىر تۈرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ساھە قاتنىشىدىغان، پۈتۈن تارماق قوللايدىغان ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، باشقا ساھەلەرگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش بوشلۇقى ئېچىپ بەردى.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى(2021 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما سۈپەتلىك ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنى 400 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىش كېرەك. «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ئۆسۈش قۇتۇپى، يېتەكچى رايونى پەلەمپەيسىمان ھالدا شىنجاڭغا يۆتكەلمەكتە» دەپ قارىدى دەي شۆفېڭ، جاڭ جىنشەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ