مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆپ يۈز بەرگەن تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا دائىر ئون چوڭ ۋاسىتىنى ئېلان قىلدى

2021.08.20 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا دائىر ئون چوڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى ئېلان قىلدى.

  

  • تور قەرز ئالدامچىلىقى

  ئالداش ئۇسۇلى: «تۆۋەن شەرتلىك» ئېلان ۋە تور قەرز ئەپ دېتالى

  تور ئالدامچىلىرى قەرز بېرىش شىركىتىنىڭ تونىغا ئورىنىپ، قەرز پۇل بېجىرىش، يۇقىرى سوممىلىق كىرېدىت كارتىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش ۋە كىرېدىت كارتىسىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ناملار بىلەن قەرز سوممىسى يۇقىرى، ئۆسۈمى تۆۋەن، پۇل چۈشۈرۈشى تېز بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشىلەرنى قەرزگە قىزىقتۇرغان.

  شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: «رەنىسىز، تۆۋەن ئۆسۈملۈك» تور قەرز سۇپىسىدىن ھوشيار بولۇڭ؛ قەرز بېرىش شەرتى زىيادە بوش قەرز بېرىش كەسپىدىن ھوشيار بولۇڭ؛ قەرز بېرىشتىن بۇرۇن ھەق ئېلىشنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلى؛ قەرز ئېلىشتا مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى تاللاپ قەرز ئېلىڭ.

  • توردا ساختا زاكاز چۈشۈرۈش ئالدامچىلىقى

  ئالداش ئۇسۇلى: قوشۇمچە ساختا زاكاز چۈشۈرۈش ۋە تور لاتارىيەسى

  ساختا زاكاز چۈشۈرۈش دېگىنىمىز، توردا ساختا مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تور دۇكىنىنىڭ سېتىش مىقدارى ۋە ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش ياكى پۇل تولۇقلاپ مال سېتىش سوممىسىنى ئاشۇرۇش قىلمىشى بولۇپ، تور دۇكىنى سودىگەرلىرى ساختا زاكاز چۈشۈرگۈچىلەرگە قەرز پۇل قايتۇرۇپ، كېلىشتۈرۈش ھەققى تۆلەشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.

  شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ھېچقانداق كاپالەت پۇلى، زاكالەت پۇلى تاپشۇرماڭ؛ بارلىق ساختا زاكاز چۈشۈرۈشنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق.

  • مەبلەغ سېلىپ «پايدا ئېلىش» ئالدامچىلىقى

  ئالداش ئۇسۇلى: توردىكى «گۈزەل قىز، كېلىشكەن يىگىت» ۋە مەبلەغ سېلىپ «پايدا ئېلىش»تور ئالدامچىلىرى مۇھەببەتلىشىش تور بېكىتى، پاراڭلىشىش، دوستلىشىش يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق ئالداش ئوبيېكتىنى تاللاپ، «مۇھەببەتلىشىش» نامىدا ئىشەنچكە ئېرىشكەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تور لاتارىيە سۇپىسى ياكى مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشقا قىزىقتۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئاز پايدا ئېلىپ، ھەقىقىي مەبلەغ سالغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن ئالاقىنى ئۈزۈدۇ.

  شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ناتونۇش كىشىلەر سىزنى دوست قىلىپ قوشقاندا، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ؛ توردا مۇھەببەتلىشىپ كۆپ پۇل تېپىشنىڭ تەڭدىن تولىسى ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن.

  • يالغاندىن خېرىدار مۇلازىمىتى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ پۇل قايتۇرۇش

  ئالداش ئۇسۇلى: «خېرىدارلار مۇلازىمىتىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پۇل قايتۇرۇشى» ۋە سۇپا قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش

  تور ئالدامچىلىرى تور دۇكىنى مۇلازىمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، سودا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىق، زاكاز بىنورمال بولۇش، تاۋاردا مال كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۇل قايتۇرۇش، قايتا تۆلەش ياكى تۆلەم بېرىشنى باھانە قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئۈندىدار، QQ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە نومۇرىنى قوشىدۇ، ئاندىن خېرىدارلارغا ئاستىرتىن ئىككىلىك كود ياكى تور ئادرېسىنى يوللاپ، ئۇلارنى سىكاننېرلاش ياكى چېكىپ كىرىشكە قىزىقتۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرىنى تولدۇرغۇزۇپ، ھېسابات يۆتكەشكە ۋە توردا قەرز ئېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

  شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: «ياخشى نىيەتلىك تور سودىگىرى» ياكى «خېرىدارلار مۇلازىمىتى» دىن ھوشيار بولۇڭ؛ باشقىلار ئەۋەتكەن ئۇلىنىشنى خالىغانچە ئاچماڭ؛ بانكا كارتا نومۇرى ۋە دەلىللەش كودى ئۇچۇرلىرىنى چىڭ ساقلاڭ، باشقىلارغا قالايمىقان ئەۋەتىپ بېرىشتىن ساقلىنىڭ.

  • تونۇشى، باشلىقى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىشئالداش ئۇسۇلى: دوستىنىڭ باش سۈرىتىدىن پايدىلىنىپ دوست قوشۇش ۋە «ۋاقىتلىق قەرز ئېلىش»شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: تونۇشلار قەرز ئالغاندا ئاۋۋال قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاڭ؛ ئۈندىدار ياكى QQ غا دوست قوشۇشتا ئېھتىياتچان بولۇڭ؛ ئۈندىدار ياكى QQ نىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، سىزنىڭ نامىڭىزدا ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

  • «ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسى» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش

  ئالداش ئۇسۇلى: «جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈشى» ۋە «ھېسابات توڭلىتىش»تور ئالدامچىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، زور جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە چېتىشلىق دېگەننى باھانە قىلىپ تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالداپ، پۇلنى «بىخەتەرلىك ئىسچوتى»غا يۆتكەش ياكى بەلگىلەنگەن ئەپنى چۈشۈرۈش، بەلگىلەنگەن تور بېكىتىگە كىرىپ شەخسىي ھېسابات ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش، بانكا قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈش، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

  شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئومۇمەن تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆزىنى«ج خ ئورگىنى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسى» دىن دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە ھېسابات يۆتكەش، پۇل ئەۋەتىش، مەبلەغنى تەكشۈرۈپ مەشغۇلات قىلىشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق؛ ئەگەر راست-يالغانلىقىنى ئايرىغىلى بولمىسا، 110 غا ياكى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 7654321 گە تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاڭ.

  • مەبلەغ سېلىش-مالىيە باشقۇرۇش ئالدامچىلىقى

  ئالداش ئۇسۇلى: «مالىيە باشقۇرۇش يېتەكچىسى» ۋە ساختا سۇپا ئالاقە تورى، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پاي چېكى، مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى، زاكاز مال قاتارلىق ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدۇ؛ سىزنى بىۋاسىتە ھەر خىل مەبلەغ سېلىش توپىغا قوشۇپ، سىزگە توپتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ «كۈندە پۇل تېپىش»ىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئاندىن سىزنى ئالداپ ساختا يۇمشاق دېتال چۈشۈرگۈزۈپ «مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرغۇزىدۇ»؛ ئالداپ مەبلەغ سالدۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن بازار ئەھۋالىنى كونترول قىلىش، ۋاكالىتەن مەشغۇلات قىلىش ۋە يۇقىرى سوممىلىق رەسمىيەت ھەققى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇلىڭىزنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ھەر قانداق ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى پايدىغا مەبلەغ سېلىشتا ئېھتىيات قىلىڭ؛ ھەر خىل يوشۇرۇن پاي تەۋسىيە قىلىش، ئىچكى خەۋەر بىلەن تەمىنلەش ئۇچۇرلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ؛ ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ھېسابات نومۇرىغا پۇل ئەۋەتمەڭ ۋە يۆتكىمەڭ؛ سۇپىغا مەبلەغ سالغاندا، ئالدى بىلەن ھەرقايسى تەرەپتىن قانۇنلۇق ۋە مۇنتىزىم بولغان-بولمىغانلىقىنى دەلىللەڭ.

  • ساختا مال سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى

  ئالداش ئۇسۇلى: تور ئېلانى + «مال سېتىۋالغانلارغا مۇكاپات سوۋغا قىلىش»تور ئالدامچىلىرى تور ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى، تور بېتى، قىسقا ئۇچۇر ۋە تېلېفون قاتارلىقلار ئارقىلىق ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئېتىبار بېرىش، باھاسىنى چۈشۈرۈش، چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش ۋە تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۈندەيدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پۇل تۆلەپ بولۇپ، تاۋارنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغاندىن كېيىن، يەنە تاموژنا بېجى، زاكالەت پۇلى، سودا بېجى، رەسمىيەت ھەققى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، داۋاملىق ئالداپ پۇل ئەۋەتكۈزىدۇ.

  شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: توردىن مال سېتىۋالغاندا سىزگە بەرگەن ئازغىنە نەپ يەمچۈكىنى كۆزلىمەڭ؛ مۇنتىزىم سۇپا ئارقىلىق سېتىۋېلىڭ؛ ھۆكۈمەت تەرەپ يولى ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ.

  • «مەكتەپ قەرزى» نى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق

  ئالداش ئۇسۇلى: «ناچار خاتىرىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش» + قەرز پۇل ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش

  تور ئالدامچىلىرى «دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن ھېسابات نومۇرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ماسلىشىڭ، بولمىسا شەخسىي ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ» دەپ تور قەرز سۇپىسى ھېسابات نومۇرى ياكى قەرز پۇل خاتىرىسى بار بولغانلارنى قايمۇقتۇرىدۇ؛ توردا قەرز ئېلىش سۇپىسىنىڭ ھېسابات نومۇرى ياكى قەرز ئېلىش خاتىرىسى بولمىغانلارغا «سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىز ئوغرىلىنىپ، توردا قەرز ئېلىش ھېسابات نۇمۇرىڭىز تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپتۇ، تىزىمدىن ئۆچۈرگۈزۈش ئۈچۈن خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ بەرسىڭىز، بولمىسا شەخسىي ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ» دەپ قايمۇقتۇرىدۇ ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تور قەرز سۇپىسىدىن ئالغان قەرزنىڭ ھەممىسىنى ئالدامچى تەمىنلىگەن «ئېنىقلاش ئىسچوتى» (ئەمەلىيەتتە ئالدامچىنىڭ شەخسىي ئىسچوتى) غا يۆتكەشكە ئۈندەيدۇ.

  شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: «مەكتەپ قەرزى» نى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق. • يالىڭاچ پاراڭلىشىش ئالدامچىلىقى

  ئالداش ئۇسۇلى: «يالىڭاچ پاراڭلىشىش ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈش» ۋە «ئالاقە خاتىرىسىگە ئېرىشىش»

  تور ئالدامچىلىرى يالىڭاچ پاراڭلاشقانلىقىنى باھانە قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالداپ بەلگىلەنگەن ئەپنى چۈشۈرگۈزۈپ، ئالاقە خاتىرىسى ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ، ئاندىن يالىڭاچ پاراڭلىشىش جەريانىدا سىنغا ئېلىۋالغان ياكى يالغاندىن ياسىغان يالىڭاچ ۋىدېئو ياكى سۈرەتلەر ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تەھدىت قىلىپ، قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار كۆپىنچە ئەرلەر بولۇپ، ياش قۇرامى ئاساسلىقى 20 ياشتىن 40 ياشقىچە مەركەزلەشكەن.شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ناتونۇش ئايال تورداشنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىشى، گەپكە سېلىشىدىن چوقۇم ھوشيار بولۇڭ؛ قارشى تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇلانما ياكى يۇمشاق دېتاللارنى خالىغانچە ئاچماڭ ھەم چۈشۈرمەڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ