خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ شەھىرى پورت رايونىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يىغىندا بورتالا ئوبلاستلىق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سۇڭ تاۋ ئالاتاۋ پورتى رايونىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
سۇڭ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8- ئاينىڭ 15- كۈنى، بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ شەھىرى پورت رايونىدا ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئادەتتىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۈچ ئادەمنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسىبەت بولغانلىقى بايقالغان، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىئاگنوزىدا ئۇلارغا يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ھازىر بۇ بىمارلار بورتالا ئوبلاستىدىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىدا ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۈچ كىشىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە چېگرادىن چىقىش، شىنجاڭدىن چىقىش تارىخى يوق، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايوندا ئولتۇراقلىشىش تارىخىمۇ يوق، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەل، گۇمانىي كېسەل ۋە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى يوق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ