مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا 10 ئادۋوكاتلىق ئورنى «ئاياللار، بالىلارنى قوغداش قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى» غا ۋىۋىسكا ئاستى

2021.08.12 12:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭدىكى ئاياللار، بالىلار ئۈچۈن قەلبداشلار كۆۋرۈكى سېلىپ، پاناھلىنىش ئورنى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش» ئۈچۈن 8- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى 10 ئادۋوكاتلىق ئورنىغا «ئاياللار، بالىلارنى قوغداش قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى» دېگەن ۋىۋىسكىنى بەردى.

  شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى مېھرىگۈل بەردى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئون ئادۋوكاتلىق ئورنى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى «قەلبداشلار كۆۋرۈكى» بەرپا قىلىش ___ ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازىمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداش بىلەن جەمئىيەت قوللاش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق. بۇ پونكىت ئېھتىياجى بار ئاياللار ۋە بالىلارغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ئايرىم دېلو ئارقىلىق ھوقۇقنى قوغداش، توي ۋە ئائىلە زىددىيەتلىرىنى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق كەسىپلەشكەن ھوقۇقنى قوغداش قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى 10 ئادۋوكاتلىق ئورنى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداشنى يېڭى ئەمەلىي قانۇن مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى ھوقۇق ـ مەنپەئەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، 1 ـ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى مېھرىگۈل ھاجى مۇنداق دېدى: «ئاياللار، بالىلارنى قوغداش قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى»دىكى ئادۋوكاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، بارلىق ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، ئون «ئاياللار، بالىلارنى قوغداش قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى» قانۇن مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، يەككە دېلو ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمىتى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىپ، ئاياللار ۋە ئاممىدىن كەلگەن خەت-چەك، ئەرز ۋە تېلېفونلارنى قوبۇل قىلىپ، قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يېتەكلەيدىكەن ۋە ياردەم بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مۇلازىمەت پونكىتى يەنە ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتا، قىيىن ئەرزىيەت دېلولىرىنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى دېلولىرىنى قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ۋاكالەتچىلىك دېلولىرىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ