ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچىمىز كامىل

2021.08.10 13:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنى قوغداش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ مىللىي تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2005-يىلى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي مائارىپىنى تەستىقلىغان، شىنجاڭ تېببىيداشۆسى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئالىي تېبابەتچىلىك ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

  2021 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئۇيغۇر تېبابىتى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوتسېنت، مۇدىر ۋىراچ قۇربان ئەلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكۈزگەن داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىغا كېلىپ، بىزگە ئالدى بىلەن بىر قىسقا سىن ئارقىلىق ئۇنى تونۇتتى.

  قۇربان ئەلى ئۇيغۇر تېبابىتى ئوقۇتۇشى، كىلىنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىي قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىت بولدى.

  قۇربان ئەلى كىچىك ۋاقتىدا يۇرتىدا دوختۇر ۋە دورا كەمچىل ئىدى، كۆپچىلىك كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە ئەل ئارىسىغا تارقالغان داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كېسەل داۋالايتتى. بۇ ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  قۇربان ئەلى 1987 ـ يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىدا ئالىي تېخنىكوم قاتلىمىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە باشلىدى. قۇربان ئەلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تاللىدى، كېيىن كورلا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىدا 18 يىل خىزمەت قىلىپ، 2010 ـ يىلى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.

  خىزمەت قىلغان 30 يىلدىن بۇيان، قۇربان ئەلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتىنى قوغداش، قۇتقۇزۇش، رەتلەش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا شاھىت بولدى. ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىي دەرسلىك قۇرۇلۇشى، پەن قۇرۇلۇشى، ئىلمىي تەتقىقاتنى زور مىقداردا مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن يەنە ھازىرقى زامان تېبابىتى، جۇڭگو تېبابىتى، ھاياتلىق ئىلمى جەھەتلەردىكى ھەر قايسى مىللەت سەرخىللىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇردى. تەجرىبە سۇپىسى ۋە تەجرىبە بازىسى قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچۋە مالىيە كۈچى سەرپ قىلىندى.

  قۇربان ئەلى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ۋارىسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دېدى: بەختىمىزگە يارىشا بىر ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش سالمىقى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر تېبابىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ