قەشقەر ئايرودرومىنى كېڭەيتىش تۈرى قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى

2021.08.09 12:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىشچىلار 7- ئاۋغۇست ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ 2- قەۋىتىدىكى ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى. يېقىندا، ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ بېزەش باسقۇچىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر ئايرودرومىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش تۈرى قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىدا بارلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرى تاماملىنىدىكەن.

  قەشقەر ئايرودروىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى شىنجاڭنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن يېڭى، كونا ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ كۆلىمى 56 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ