«خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر»

2021.07.29 20:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، چوڭ بازاردا خىزمەت قىلىۋاتقان، سودا قىلىۋاتقان يەتتە نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچان، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە رېئال تۇرمۇش نەق مەيدانى ئارقىلىق ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەدەنىيەتنى يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە رەددىيە بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى مۇبارەك مۇقىيىت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما سالمىقى سىجىل زورايدى، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئورتاق ئېچىپ قۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى يالغان-ياۋىداق سۆزلەر، پىتنە-ئىغۋالارنى ئاساس قىلىپ جۇڭگو شىنجاڭنى سەۋەبسىز ئەيىبلەپ، شىنجاڭنىڭ «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش»، «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەدەنىيەتنى يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىقلارنى تەرغىب قىلدى، بۇ پۈتۈنلەي سېپى ئۆزىدىن يالغان گەپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بۇنى جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش قورالى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، بۇ پۈتۈنلەي چوتنى خاتا سوققانلىق.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ