مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئون مىڭ نان، توققۇز مىڭ چاقىرىم يول، ئىككى كۈندۈز ئۈچ كېچە!

2021.07.29 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  ئون مىڭ نان، توققۇز مىڭ چاقىرىم يول، ئىككى كۈندۈز ئۈچ كېچە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 5 تە، شىنجاڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىمىنجان قۇربان ۋە ئىككى شوپۇر نان قاچىلانغان مىنىبۇسنى نۆۋەت بىلەن ھەيدەپ، خېنەن ئۆلكىسى جۇكۇ شەھىرى فۇگۇ ناھىيەسىگە يېتىپ بېرىپ، 9 مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىغان بۇ مېھىر-شەپقەت ياردىمىنى تاماملىدى.

  توردا خېنەندىكى قاتتىق يامغۇر ئاپىتىنى كۆرۈپ، ئىمىنجان قۇربان دەرھال 180 نەپەر ئۇيغۇر ناۋاينى يىغىپ، سەككىز سائەتتە 10 مىڭ دانە نان يېقىپ، «يول مەيلى قانچىلىك يىراق بولسۇن، مەن نانلارنى چوقۇم ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىمەن.» دېدى.

  ئۇ ياشىغان جاي خېنەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ياردىمىدە بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلدى، ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن 56 مىللەتنى 56 ئانار دانىسىغا ئوخشاتتى، «56 ئانار دانىسىنىڭ بىرىمۇ بۇزۇلسا بولمايدۇ!» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ