مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لاچىن بېكەنىڭ دادىسى ئوغلىغا ۋاكالىتەن خېنەنگە 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى!

2021.07.27 12:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، بېكە كەلدىبېك ئوغلى لاچىن بېكەنىڭ نامىدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خېنەن جېڭجۇۋ شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

  خېنەن ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېكە كەلدىبېك بوۋاي ھەر كۈنى تېلېۋىزور ئالدىدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى كۆرۈپ تىت ـ تىت بولۇپ، ھەمىشە قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپى ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ئويلىدى. 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، بېكە كەلدىبېك بوۋاي تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە بېرىپ، ئوغلى لاچىن بېكەنىڭ نامىدا جېڭجوۋغا 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى، ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، نەق مەيداندا بوۋايغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: سىزنىڭ نەۋرىلىرىڭىز كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا پۇل خەجلەيدۇ، سىزنىڭ يېشىڭىز چوڭىيىپ قالدى، سالامەتلىكىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس، پۇل ئىئانە قىلىشتا ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قارىشىڭىز كېرەك، كۆڭلىڭىز تىگىن بولسىلا بولدى! »

  بېكە كەلدىبېك قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: لاچىن قۇربان بولغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بىزنى كۆپ قېتىم يوقلاپ كەلدى، بىز بۇنىڭدىن چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، ئەگەر لاچىن تېخى ھايات بولسا، ئۇمۇ چوقۇم شۇنداق قىلاتى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ