مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون قۇربان ھېيتلىق مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2021.07.21 13:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى قۇربان ھېيتلىق مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بەش ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىلىنى ئۆزلىرىنىڭ قۇربان ھېيت بىلەن بولغان ھېكايىسىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى.

  قەشقەر شەھىرىدىكى كاۋاپخانىنىڭ خوجايىنى ياقۇپجان يالقۇن مۇنداق دېدى: قۇربان ھېيتقا ئاز قالغاندا، ھەممە ئائىلە ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئاياللار تازىلىق قىلىش، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش، تۈرلۈك پېچىنە ـ پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھېيت ـ ئايەم مەزگىلىدە مېھمان بولۇپ كەلگەن ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىگە يېتەرلىك ئېسىل يېمەكلىكلەرنى تەييارلايدۇ. ئەرلەر سىرتتىكى ھەر خىل تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ.» بىزنىڭ ئائىلىمۇ شۇنداق، مۇشۇ يىللاردا ھەر يىلى ھېيت ئۆتكۈزگەندە، مەن ئائىلەمدىكىلەرگە بايراملىق سوۋغات ئالىمەن، ھەممىمىز چىرايلىق كىيىنىمىز. مەن ئوغلۇم بىلەن بازارغا بېرىپ، سېمىز قوي تاللايمىز. ياقۇپجان يالقۇن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئىشلىرىنى قويۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلىسا بولىدۇ. قۇربان ھېيت قېرىنداشلىق، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىللىق بايرام.

  توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ئەركىننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرى بىلەن توپ ـ توپ بولۇپ ھېيتلاپ باراتتى، يېقىنلىرى پىيادە ماڭاتتى، يىراقتىكىلىرى ئات ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ باراتتى.» دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمىز بارغانسېرى ئۆستى، قۇربان ھېيتمۇ بارغانسېرى رەڭدار بولدى، ھېيتلاش ئۇسۇلىمۇ بارغانسېرى كۆپ خىللاشتى. ئابلىكىم ئەركىن مۇنداق دېدى: «ھازىر كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە پىكاپ بار بولدى، ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاراماي يولدا ماڭىدۇ، سۈرئەت ھەم تېز، ھەم راھەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايروپىلان، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولمۇ ناھايىتى قولايلىق، يىراقتا تۇرۇۋاتقان تۇغقانلارمۇ قايتىپ كېلىپ بايرام ئۆتكۈزسە بولىدۇ، قايتىپ كېلەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئارقىلىق تېلېفون بېرىپ، سىن يوللاپ ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، بەخت تىلەيدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ھەر كۈنى بايرام، تۇرمۇشىمىز بەختلىك.»

  ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت يۇرتى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك رېژىسسور مېھراي ئىبراھىم بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رېژىسسورى، ئۇ ئىجادىيەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش جەريانىدىكى ھەقىقىي تەسىراتى ئارقىلىق كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل، رەڭدار بولىدۇ.»

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاممىنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان قىزغىن مەنزىرىسى كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق كۆرسىتىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شادىيانە مەشرەپ ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ