مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋارىسلىق قىلىندى، قوغدالدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

2021.07.16 13:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى دۆلەت قۇرۇشنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ھەمكار ۋە ئىناق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىشتەك قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان قەدەملەر بىلەن ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەر مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ياراتقان، ۋارىسلىق قىلغان ۋە راۋاجلاندۇرغان بولۇپ، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ مەنىۋى رىشتىسى. مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ بىپايان زېمىنىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، بىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، بىزنىڭ ئۇلۇغ روھىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق يېتىلدۈرگەن. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك.

  خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يىرىك پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى يارىتىش كېرەك. 1953 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، جۇڭگودا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانى(پىلان)دىن 14نى تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىنى ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەمدە ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن، ئۇ، دۆلەتنىڭ يىرىك پىلان سىستېمىسىدىمۇ مۇناسىپ نامايان قىلىنغان. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتى پەقەت كۈچەيسە كۈچىيىدۇكى، ئۇ ھەرگىز ئاجىزلاشمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ