مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى: ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ھاياتىي كۈچكە تولدى

2021.07.16 13:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 13- مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلنار ئوبۇل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، ھازىر 56 مىللەت بار. نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، تەرەققىيات دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ پەرقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باراۋەر ئورۇنغا ئىگە، ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئوخشاش ئادا قىلىدۇ. شىنجاڭ ھازىر شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش سىياسىي ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ