مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىنىڭ كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى

2021.07.16 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىنىڭ كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە زاتلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. زىيارەت قىلىنغان شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق قارىدى: ئاق تاشلىق كىتابتا، تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولغان سانلىق مەلۇماتلار، ھەمدە جانلىق دېلو مىساللىرى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ 70 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىززەت-ئابرۇي، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىقى ۋە ئارلىشىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دۆلەت يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جىڭ جيەنگو مۇنداق قارىدى: «ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تىنچ-ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ قىلغان يالغان غەرەزلىك سۆزلىرىگە ئەمەلىي كۈچ بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. مەن خىزمەت قىلىدىغان جاي يېڭىچە كەسىپلەشكەن باغچە رايونى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرۇچىمىز. تەرەققىيات رايونى ئۆز تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارنى يەرلىك خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. تەرەققىيات رايونىدىكى نۇرغۇن كارخانا ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ،مەخسۇس ئاشخانا، ياتاق تەسىس قىلىپ بەرگەنلىكتىن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتتى.»

  نازىگۈل رازىدان ئۇزاق مۇددەت مەدەنىيەت ـ ساياھەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن كەنت دەرىجىلىك ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قازاق مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ھەر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيىتىدە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنى نامايان قىلىندى. بۇ،شۇ ئاق تاشلىق كىتابتا شەرھلەنگەن مەدەنىيەت ھوقۇق كاپالىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن زىچ ماس كېلىدۇ. بىز كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان پاكىتنى ھېچكىم بۇرمىلىيالمايدۇ، بۇمۇ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى.»

  جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى 18 تۈتۈن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھرىبان مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئورۇن، ئاق تاشلىق كىتابتا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت قىسمى. بىز ئاممىنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بېجىرىشكە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن ـ ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە، يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەتتى. ھازىر شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.»

  چەرچەن ناھىيەسى ئوييايلاق بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس مۇئاۋىن رەئىسى دىلبەر تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاق تاشلىق كىتابتا، ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ۋە بالىلارنى قوغداش بولسا، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ كۆرسەتكەن. بۇ سۆزنى كۆرۈپ خىزمىتىمىزنىڭ تولىمۇ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بىز شىنجاڭدا سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى كېسىلىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى دەل مۇشۇنداق ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش-تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئارقىلىق، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش ۋە بالدۇر ساقىيىشقا ئېرىشتى، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، بىز ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭىمىز كۈچەيتىلدى. ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك بالىلار مۇلازىمەت سىستېمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە، ھەتتا نۇرغۇن كەنت دەرىجىلىك يەسلىلەرنىڭ ئەسلىھەلىرى شەھەردىكىدىن ئىلغار، مۇكەممەل بولماقتا. بۇ پاكىتلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، قانائەت تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ